|

ئىگىلىنىشىچە ، دۇنيادىكى داڭلىق سىستېرا فىلورېنس. نايتىڭگىلنىڭ ھايات ۋاقتىدا چۈشكەن ئەڭ ئاخىرقى بىر پارچە رەڭسىز سۈرىتى ۋە قول يازمىسى بۇ يىل نويابردا كىمئارتۇق قىلىپ سېتىلىدىكەن، ساتقۇچى بۇلارنىڭ باھاسىنىڭ 300 فوندستېرلىڭغا يېتىشىنى خالايدىكەن.
ئەنگلىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 11 – سېنتەبر خەۋەر قىلىنىشىچە ، تارىخنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان بۇ رەڭسىز سۈرەت 1910 – يىلى تارتىلغان بولۇپ ، 19 – نويابر كىمئارتۇق قىلىپ سېتىلىدىكەن.

نايتىڭگىلنىڭ قرىم ئۇرۇشىدىكى سىزما سۈرىتى
1854 – يىل، ئەنگلىيە ۋە روسىيە قىرىمدا ئۇرۇش ئوتى ئاچىدۇ ، بۇ ۋاقىتتا ياش نەندىڭگى ئالدىنقى سەپكە ئاتلىنىدۇ، ئۇ ئالدىنقى سەپتە يارىدارلارنىڭ يارىسىنى دېزىنفېكسىيە قىلىش ، تېڭىش، دورىلىرىنى ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇش، تاماقلىرىنى ياخشىلاش، تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ پوللارنى سۈرتۈش، قان يۇقى كىيىملەرنى يۇيۇش قاتارلىق ئىشلارنى جان پىدالىق بىلەن ئىشلەيدۇ ، ھەر كۈنى كەچلىكى ، بىر چىراقنى كۆتۈرگىنىچە ، تۆت كىلومېتىر دائىرىدە ئايلىنىپ يۈرۈپ ، كېسەللەرنىڭ ئەھۋالىنى كۆزىتىدۇ، ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ ، يەنە ئۇلارغا ناخشا ئېيتىپ بېرىپ ، ئۇلارغا چەكسىز مۇھەببەت ۋە كۆيۈنۈش ئاتا قىلىدۇ.
قرىم ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، بۇ ئاقكۆڭۈل سىستېرا سالامەتلىكى يار بەرمەي ، ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالىدۇ ، ئەمما ئۇ ئۆزىنى روھىي جەھەتتىن داۋالاشنى توختىتىپ قويماي ، پۈتۈن زېھنى بىلەن يېزىقچىلىققا كىرىشىدۇ ۋە 200 پاچىدىن كۆپرەك كىتاب يازىدۇ. ھاياتىدىكى مەنىلىك ئىشلار ۋە نۇرغۇن ئېسىل پەزىلەتلىرى بىلەن داڭ چىقارغان بۇ خانىم 90 يېشىدا ۋاپات بولغان بولۇپ ، ئۆلۈش ئالدىدىمۇ: ‹‹داغدۇغا قىلماڭلار ، مېنى ئۇزىتىدىغان ئىككى كىشى بولسىلا كۇپايە›› دەپ سۆز قالدۇرىدۇ.

نايتىڭگىلنىڭ قول يازمىسى
|