|

ئامېرىكا ‹‹فوبۇس›› ژۇرنىلىنىڭ ئاۋغۇستتىكى سانىدا دۇنيادىكى 100 نوپۇزلۇق ئايالنىڭ يېڭى تىزىملىكى ئېلان قىلىندى، گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل بۇ يىلمۇ ئوزۇپ چىقىپ، ئۇدا ئۈچ يىل 1 – ئورۇننى ئىگىلەپ، ‹‹دۇنيادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ئايال›› بولۇپ قالدى .
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 2004 – يىلىدىن باشلاپ، ‹‹فوبۇس›› ژۇرنىلى شەخسىي ئىقتىسادىنىڭ تەسىر كۈچى، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىكى نوپۇزى ۋە كەسىپتىكى نەتىجىسىگە ئاساسەن، دۇنيادىكى نوپۇزلۇق ئاياللارنىڭ تەسىر كۈچىنى باھالاشقا باشلىغان. بۇ يىل مېركېل ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى رىس ۋە ئامېرىكا دېموكراتلار پارتىيىسىدىن بولغان كېڭەش پالاتا ئەزاسى، سابىق 1 – خانىم ھىلارىنى ئاسانلا يەڭدى. رىس بۇلتۇرقى 4 – ئورۇندىن بۇ يىل 7 – ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى، ھىلارىمۇ ئۈچ ئورۇن چېكىنىپ، 28 – ئورۇنغا تىزىلدى.
ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئامانەت پۇل سۇغۇرتىسى شىركىتىنىڭ رەئىسى ھىلا بېل 2 – ئورۇننى ئىگىلىدى، ‹‹فوبۇس›› ژۇرنىلى ئۇنىڭغا : ئامانەت پۇل سۇغۇرتىسى، پۇل مۇئامىلىسى ئاپپاراتلىرىنى نازارەت قىلىش، ۋەيران بولۇشنى باشقۇرۇش، ئامېرىكا پۇل مۇئامىلىسى سىستېمىسىنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئاممىنىڭ پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىغا بولغان ئىشەنچىسىنى ساقلىغان، دەپ باھا بەردى. 3 – ئورۇندىكىسى ئامېرىكا پېپسى – كولا شىركىتىنىڭ كىشىلەرگە ئانچە تونۇشلۇق بولمىغان ئىجرائىيە باشلىقى نوي بولۇپ، ئۇ سودا ساھەسىدىن تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن 54 رەھبەرنىڭ بىرى. تىزىملىكتىكى ئالدىنقى ئون ئايالنىڭ ئالتىسى ئامېرىكىلىق بولۇپ ، مېركېلدىن باشقا يەنە ئاۋسترالىيىلىك، سىنگاپورلۇق ۋە فرانسىيىلىك ئاياللار بار .
سىياسىي ساھەدىكى 23 نوپۇزلۇق ئايال تىزىملىككە كىرگۈزۈلدى. ئۇنىڭ ئىچىدە، ئارگېنتىنا زۇڭتۇڭى كىرىستىنا فېرناندېرنا 13 – ئورۇندا، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى پېللوئىس 35 – ئورۇندا تۇردى. تىزىملىكتە يەنە فرانسىيىنىڭ ئىقتىساد، مالىيە ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى كىرىستىنا راگاد(14 – ئورۇندا)، ھىندىستان دۆلەت مەجلىسى پارتىيىسىنىڭ رەئىسى سونىيە گەندى (21 – ئورۇندا)، داڭلىق دىكتور ئوپلا (36 – ئورۇندا) قاتارلىقلار بار . 2006 – يىلى مېركېل ‹‹فوبۇس›› ژۇرنىلىنىڭ ‹‹دۇنيادىكى نوپۇزلۇق ئاياللار تىزىملىكى››دە تۇنجى قېتىم رىسنىڭ ئورنىنى ئىگىلەپ، دۇنيادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ئايال بولغان ئىدى، رىس 2 – ئورۇندا، شۇ چاغدىكى جۇڭگونىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ۋۇ يى 3 – ئورۇندا ئىدى.
‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى››دىن
|