|
برازىلىيە تاشقى سودا ئىدارىسى 8 – ئايدا جۇڭگونىڭ يۈك ئاپتوموبىل ۋە كوچا ئاپتوبۇسى چاقى، سۈنئىي تالا قاتارلىق مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا تۆكمە قىلىپ سېتىشقا قارشى تۇرۇش بويىچە تەكشۈرۈشنى باشلايدىغانلىقى توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش تارقاتتى. رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ يىل برازىلىيە تۆكمە قىلىپ سېتىشقا قارشى تۇرۇش بويىچە تەكشۈرۈشكە ئالاقىدار 20 دېلونى بىر تەرەپ قىلىپ، تۆكمە قىلىپ سېتىشقا قارشى تۇرۇش تاموژنا بېجى يىغقان، بۇلتۇر بۇ خىلدىكى دېلولاردىن پەقەت بەشىلا پاش قىلىنغان ئىكەن. بۇ خىل قوغداش خاراكتېرلىك تەدبىرلەرنىڭ كۆپىنچىسى جۇڭگو تاۋارلىرىغا چېتىلىدىكەن.
بۇ يىلدىن بۇيان، دۆلەت ئىچىدە پۇل قىممىتىنىڭ ئۆسۈشى ۋە پۇل پاخاللىقىنىڭ تەسىرىدە، برازىلىيىنىڭ ئىمپورت مىقدارىنىڭ ئېشىشى ئېكسپورتنىڭ مىقدارىنىڭ ئېشىشىدىن چوڭ بولۇپ، سودا ئوڭ پەرقى سىجىل تۆۋەنلىدى. ستاتىستىكا قىلىنىشىچە، بۇ يىل 1 – ئايدىن ھازىرغىچە، برازىلىيە رېئالىنىڭ دوللارغا ئايرىۋاشلىنىش قىممىتى %12 ئاشقان. بۇنىڭ تەسىرىدە، برازىلىيە كارخانىلىرىنىڭ ھۆكۈمەتتىن تۆكمە قىلىپ سېتىشقا قارشى تۇرۇش بويىچە تەكشۈرۈش ۋە بازار قوغداشنى يولغا قويۇشنى تەلەپ قىلىشى يەنە يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن.
برازىلىيە ئىلگىرى ئۇزاق مەزگىل ئىمپورت سەپلىمە سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئىچكى بازارنى قوغداپ، مىللىي سانائەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى. ئەمما بۇ برازىلىيىنىڭ ئىچكى كارخانىلىرىدا ئۈسكۈنىلەر كونىراش، مەھسۇلات يارىتىش جەھەتتە كەينىدە قېلىش، رىقابەت ئىقتىدارى ئاجىزلىشىش، مەھسۇلاتلارنىڭ بازار باھاسى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى بولۇشتەك يېڭى مەسىلىلەرنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقاردى. چەت ئەل مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى ياخشى، باھاسى ئەرزان بولغاچقا، برازىلىيە ئىستېمالچىلىرىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىپ، ئىمپورت مىقدارى ئۇچقاندەك ئېشىپ، يەرلىك كارخانىلارغا كرىزىس تۇيغۇسى ئېلىپ كەلدى. برازىلىيە سۇلياۋ سانائىتى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مېرگې كاسۇڭ 19 – ئاۋغۇست يەرلىك گېزىتتە ماقالە ئېلان قىلىپ: بۇلتۇر جۇڭگونىڭ برازىلىيىگە ئېكسپورت قىلغان سۇلياۋ مەھسۇلاتلىرى برازىلىيە بازارلىرىدىكى سۇلياۋنىڭ %25.11 ىنى ئىگىلەپ، جۇڭگو برازىلىيىنىڭ 2 – چوڭ سۇلياۋ بىلەن تەمىنلەش سودىگىرى بولۇپ قالدى. جۇڭگونىڭ سۇلياۋ مەھسۇلاتلىرىنى كۆپ مىقداردا ئىمپورت قىلىش برازىلىيىنىڭ ئوخشاش تۈردىكى كارخانىلىرىنىڭ پايدىسىغا ‹‹خىرىس›› شەكىللەندۈرۈپ، ‹‹كارخانىلىرىمىزغا ئاگاھلاندۇرۇش چىرىغى يېقىپ بەردى››. ئەمەلىيەتتە، برازىلىيە تاۋارلىرىنىڭ بازار باھاسىنىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭكىدىن يۇقىرى بولۇشىدا نۇرغۇن سەۋەب بار، بۇنىڭ ئىچىدە برازىلىيىدە باج ۋە كارخانا تەننەرخىنىڭ يۇقىرى بولۇشى ئەڭ مۇھىم سەۋەب. ئەمما، برازىلىيە كارخانىلىرى دائىم چەت ئەل مەھسۇلاتلىرىنىڭ ‹‹تۆكمە قىلىپ سېتىلىشى››دىن ‹‹ئاغرىنىپ››، ‹‹تۆكمە قىلىپ سېتىشقا قارشى تۇرۇش›› نامىدا ھۆكۈمەتنىڭ قوغدىشىنى تەلەپ قىلىدۇ، دەپ قارىدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، برازىلىيىنىڭ جۇڭگوغا قاراتقان تۆكمە قىلىپ سېتىشقا قارشى تۇرۇش بويىچە تەكشۈرۈشى ۋە تەدبىرلىرى سان جەھەتتە باشقا دۆلەتلەرنىڭكىگە قارىغاندا بىر قەدەر كۆپ بولسىمۇ، ئەمما تەكشۈرۈلگەن جۇڭگو مەھسۇلاتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئەرزان باھالىق ‹‹كىچىك تاۋارلار››، گەرچە برازىلىيە بازارلىرىدا بۇ خىل ‹‹كىچىك تاۋارلار››نىڭ ئىگىلىگەن سالمىقى بىر قەدەر چوڭ بولسىمۇ، ئەمما ئىككى دۆلەتنىڭ چېگرا سودىسىدا ئىگىلىگەن سالمىقى %1 كىمۇ يەتمەيدۇ.
مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق قارىدى: جۇڭگو كارخانىلىرى برازىلىيىنىڭ تۆكمە قىلىپ سېتىشقا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرىگە زىيادە ئېتىبار بېرىپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ، پەقەت ئۇ يەرنىڭ بازار قانۇن – قائىدىلىرىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، قانۇنلۇق تەرتىپ ئارقىلىق قارشى دەۋا قىلغاندىلا، بىر قەدەر ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىش مۇمكىن. تۆكمە قىلىپ سېتىشقا قارشى تۇرۇشقا جاۋابەن دەۋا قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىشمۇ، دۆلىتىمىز كارخانىلىرىنىڭ برازىلىيە بازارلىرىنى ئېچىشىدىكى زۆرۈر ۋاسىتە.
‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى››دىن
|