باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>مەدەنىيەت>>دۇنياغا نەزەر
دۇنيا جۇڭگوغا ئائىت ھېكايىلەرنى ئاڭلاشقا ھېرىسمەن
2008- 09- 11 10:54 شىنجاڭ گېزىتى

    بۇ، ئۆزگىچە  شەرق مەدەنىيىتىگە ئىگە جۇڭگو. ئو ت م نىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا نامايان قىلىنغان كوللېكتىپ كۈچ  نەچچە مىڭ ئارتىسنىڭ بىر ئادەمدەك مۇزىكا چېلىپ، بىر ئادەمدەك ئۇسسۇل ئوينىشى، رەتلىك ھەرىكەت قىلىپ، تەرتىپلىك ماسلىشىشى ... نۇرغۇن غەربلىكنى تەئەججۈپلەندۈردى. شۇڭا، بەزىلەر: نەچچە مىڭ دۇمباقچىنى بىردەك ماسلاشتۇرۇشقا قۇربى يەتكىنىگە قارىغاندا، جۇڭگونىڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيىسىگە ئىگە بولۇشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەسكەن، دېيىشتى خۇرسىنغان ھالدا. يەنە بەزىلەر: كوللېكتىۋىزملىق روھقا ئىگە جۇڭگو تەرەققىيات ئۈنۈمى قاتارلىق جەھەتلەردە شەخسىيەتچىلىك ئاساس قىلىنىدىغان غەربتىن ئېشىپ كېتىۋاتىدۇ، دېدى؛ ھەتتا بەزىلەر: جۇڭگونىڭ كوللېكتىۋىزمى بىلەن غەربنىڭ شەخسىيەتچىلىكى ئارىسىدىكى رىقابەت پات ئارىدا باشلىنىدۇ، دەپ پەرەز قىلىشتى.

    غەربتىكى بىر قىسىم مۇخبىرلار ۋە سىياسىي كۆزەتكۈچىلەرنىڭ يازمىلىرىدىن ‹‹مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى نەزەرىيىسى›› نىڭ ھىدىنى پۇرىغاندەك بولدۇق. 20 – ئەسىرىنىڭ 90 – يىللىرىنىڭ باشلىرىدا، ئامېرىكا  ئالىمى خانتىڭتۇن بۇ ئۇقۇمنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن بۇيان، ‹‹مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى›› بىر قىسىم غەربلىكنىڭ كاللىسىدىن زادىلا يوقىمىدى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بۇ نەزەرىيە تارىخنى ئىزاھلاپلا قالماي، كەلگۈسىدىن بېشارەت بەردى، شۇڭا، ئۇ غەربلىكلەرنىڭ دۇنياغا قاراشتىكى نەزىرىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى. بۇ، ئۇلارنىڭ ئوخشاشمىغان مەدەنىيەتتىكى جۇڭگو بىلەن ئۇچراشقاندا گاڭگىرىشى، ئەندىشىگە چۈشۈشى، ھەتتا قورقۇشىنىڭ ئاساسىي سەۋەبى.

    ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇكى، جۇڭگو بىلەن غەرب ئارىسىدا غايەت زور مەدەنىيەت پەرقى مەۋجۇت. بۇ مەدەنىيەت پەرقى ھەم ئو ت م نى ئۆزگىچە شەكىلدە ئۆتكۈزگەنلىكىدە گەۋدىلەندى، ھەم شەخسلەرنىڭ ھەرىكىتى ۋە جەمئىيەت قۇرۇلمىسىغا ئۈن – تىنسىز تەسىر كۆرسەتتى. ئو ت م نىڭ باشلىنىش مۇراسىمىنى كۆرگەن كىشىلەر ياۋ مىڭ بىلەن قول تۇتۇشۇپ مەيدانغا كىرگەن لىن خاۋنى ھەرگىز ئەستىن چىقارمايدۇ. ۋېنچۇەندە يەر تەۋرىگەندە، توققۇز ياشلىق بۇ بالا ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىغا قارىماي، باتۇرلۇق بىلەن، ساۋاقداشلىرىنىڭ خەتەردىن قۇتۇلۇشىغا ياردەملەشكەن. ئۇ مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: مەن سىنىپ باشلىقى بولغاچقا، ساۋاقداشلىرىمغا كۆڭۈل بۆلۈش مەسئۇلىيىتىم بار، دېگەن. بۇ سۆز  غەربتىكى نۇرغۇن كىشىنى ھەيران قالدۇردى، ئۇلار جۇڭگولۇق بۇ بالىنىڭ ۋۇجۇدىدىن جۇڭگو  مەدەنىيىتىدە نامايان قىلىنغان زور سېھرىي كۈچكە ئىگە قىممەت قارىشىنى بايقىدى.

   جۇڭگو بىلەن غەرب مەدەنىيەتلىرى ئارىسىدا ھەقىقەتەن پەرق مەۋجۇت. بىراق، بۇ كىچىك سىنىپ باشلىقىنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئېيتقان سۆزى كىشىگە ئوخشاشمىغان مەدەنىيەتنىڭ تەھدىتىنى ھېس قىلدۇرىدۇ، دەپ كىم ئېيتالايدۇ؟ دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، جۇڭگو مەدەنىيىتىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى بۇ نەرسىلەر دۇنيا مەدەنىيىتىگە يېڭى ئوزۇق ۋە تولۇقلىما ئاتا قىلىدۇ. ئوخشاشمىغان مەدەنىيەتلەر ئۆز ئارا سوقۇلۇشى مۇمكىن، ئەمما بۇنىڭ بىلەن چوقۇم توقۇنۇش ۋە ئۇرۇش قوزغىلىشى ناتايىن، مانا بۇ، بېيجىڭ ئو ت م نىڭ دۇنياغا كۈچەپ نامايان قىلغان ‹‹ئىناقلىق›› ئىبارىسىنىڭ مەزمۇنى.

 ‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى›› دىن

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ