باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>مەدەنىيەت>>مەدەنىيەت – سەنئەت
تاجىك كلاسسىك ئاھاڭلىرى ۋە ئەنئەنىۋى ئاھاڭلار
2008- 08- 28 16:42 شىنجاڭ گېزىتى

تاجىگۈل ئىسلامخان

    ھەر بىر مىللەتنىڭ تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا ئاپىرىدە قىلىنغان مىللىي ئەنئەنىۋى ئاھاڭلىرى بولىدۇ، مىللىي ئەنئەنىۋى ئاھاڭلار شۇ مىللەتنىڭ كلاسسىك ئېسىل ئاھاڭلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

   تاجىك كلاسسىك ئاھاڭلىرى ئۆزگىچە پۇراق، ئۇدار، مېلودىيىگە ئىگە بولۇپ، باشقا مىللەت ئاھاڭلىرىدىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. ئەسىرلەردىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئاھاڭلار تاجىك مۇزىكا سەنئىتىنىڭ ئانىسى بولۇپ، تاجىك مۇزىكا سەنئىتىنىڭ ئۈزۈلمەي راۋاجلىنىشىنىڭ ئاساسلىق مەنبەسىدۇر.

   يېڭى دەۋردە بىر ئەۋلاد تاجىك كومپوزىتورلىرى تاجىك كلاسسىك ئاھاڭلىرىغا ئىجادىي ۋارىسلىق قىلىش ئاساسىدا، جەلپكارلىقى كۈچلۈك تاجىك مۇزىكىلىرىنى ئىجاد قىلىپ، تاجىك مىللىي سەنئىتىنىڭ سەلتەنەتلىك مەنزىرىسىنى بارلىققا كەلتۈرمەكتە.

   تاجىك كلاسسىك ئاھاڭلىرى كوللېكتىپ بەدىئىي تەپەككۇرىنىڭ، كوللېكتىپ ئەقىل – پاراسىتىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، تاجىك كلاسسىك ئاھاڭلىرى تاغ – تۇرا، يايلاق – قىشلاقلار ھەم يېرىم دېھقانچىلىق، يېرىم چارۋىچىلىق تارىخىي باسقۇچتىكى ئوۋچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا پەيدا بولغان بولۇپ، تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ ۋە مۇكەممەللىشىپ، تارىخچانلىققا، دەۋرچانلىققا، ۋارىسچانلىققا ئىگە بولغان.

   تاجىك كلاسسىك ئاھاڭلىرى ئورۇندىلىش شەكلى جەھەتتتىن ئالاھىدە سورۇننى تەلەپ قىلمايدۇ، خەلق ھافىزىلرى(مۇقامچىلىرى) ھەر بىر ئاھاڭنى تاغلاردا، يايلاقلاردا، دەريا بويلىرىدا ئەركىن ئورۇنلاۋېرىدۇ. توي – تۆكۈن، بەزمە – مەشرەپلەردە داپ، سۆڭەك نەي، راۋاپ، سىپتار بىلەن ئورۇنلىنىدۇ. ‹‹رۇبائى›› ئاھاڭنىڭ تېكىستى دىئالوگ شەكلىدە بولۇپ، تاجىك كلاسسىك ئاھاڭلىرى ئىچىدە ئەڭ جەلپكار، لىرىك ئاھاڭدۇر. ‹‹فەلەك››، ‹‹ئەركەتىلۇ›› ئاھاڭلىرى چالغۇ ئەسۋابسىز ئورۇنلىدىغان ئاھاڭ تىپلىرىدۇر. بۇ ئىككى ئاھاڭنىڭ تېكىستى غېرىپلىق، مىسكىنلىك، ھىجران – قايغۇ، ماتەم، مۇسىبەت مەزمۇنلىرى بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ. ‹‹فەلەك›› بىلەن ‹‹ئەركەتىلۇ›› ئاھاڭلىرى بۈگۈنكى زامان تاجىك مەرسىيە ناخشىلىرىنىڭ ئاساسىدۇر.

   تاجىك كلاسسىك ئاھاڭلىرىنىڭ بۈگۈنكى دەۋرىمىزگە يېتىپ كېلىشىدە ئەزارە نىجات كابۇلى، ئەزارە، دەلى، قۇمىرى، لۇنجىك، ئىسھاق ئەزارە، گۈلشىر، شاھ غۇلام، ئەبدالبىك، چۈپۇن قاتارلىق خەلق سەنئەتكارلىرى ئالاھىدە تۆھپە قوشقان.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ