|
فىلوت (ئۇزۇن نەي، تۆمۈر نەي دەپمۇ ئاتىلىدۇ)كىشىلەر ياخشى كۆرىدىغان سازلارنىڭ بىرى. ئۇ ئۆزىگە خاس ئاۋازى ۋە جەلپكارلىقى بىلەن كىشىلەرگە سېھىرلىك تۇيغۇ ئاتا قىلىدۇ. كىشىلەرنىڭ مۇزىكىغا بولغان ئېھتىياجىنىڭ بارغانسېرى ئېشىشىغا ئەگىشىپ، فىلوت چېلىشنى ئۆگىنىدىغانلار كۆپىيىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا بۇنىڭغا قىزىقىدىغانلار خىلىللا كۆپ. فىلوت چېلىشنى ئۆگەنگۈچىلەر توغرا ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى ئىگىلىۋېلىشى ئۈچۈن تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپكە دىققەت قىلىشى كېرەك:
1. نەي بېشى مەشىقى. فىلوت چېلىشنى ئۆگەنگۈچىلەر دەسلەپكى بارماق مەشىقى ئېلىپ بېرىشتىن بۇرۇن، چوقۇم لەۋ ھالىتىنى، يەنى لەۋنىڭ فىلوتنىڭ باش قىسمىغا(نەي بېشىغا) قويۇپ، ئورنىنى پۇختا ئىگىلىشى كېرەك. بۇنداق قىلمىغاندا، مۇزىكىنىڭ رىتىمىغا ۋە ئۇگىنىش جەريانىغا تەسىر يىتىدۇ. شۇڭا، فىلۇت چىلىشنى ئۇگەنگۇچىلەر ھەركۈنى چوقۇم بەلگىلىك ۋاقىتتا نەي بېشى مەشىقىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئەينەككە قاراپ ئېغىز شەكلى ۋە ئورنىنى ئۆلچەملەشتۈرۈشى كېرەك.
2. مەشىق ۋاقتى. فىلوت چېلىشنى ئۆگەنگۈچىلەر مەشىق ۋاقتى قانچە ئۇزۇن بولسا شۇنچە ياخشى دەپ قارايدۇ. ئۇگەنگۇچىلەردە نىسبەتەن، مەشىق ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتسە، چارچاپ قىلىپ، ئۇگىنىش ئۇنىمىگە تەسىر يېتىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا مېڭىنىڭ توغرا بولغان ئاۋاز تۈسى ۋە ئۇسۇلىغا ھۆكۈم قىلىش مۇجىمەل بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا، فىلوت چىلىشنى ئۇگەنگۇچىلەر مەلۇم يېڭى ئۇسۇل ياكى تېخنىكىلارنى ئۆگەنگەن ۋاقىتتا ئۆگىنىش ۋاقتىنى تەدرىجىي ئۇزارتىشى كېرەك. ھەر كۈنى ئىزچىل مەشىق قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
3. ئېغىز شەكلى. فىلوت چىلىشنى ئۆگەنگۈچىلەر ئەينەك ئالدىدا كۆپرەك مەشىق قىلىپ، ئېغىز شەكلىنىڭ ئۆزگىرىش قانۇنىيەتلىرىنى پۇختا ئىگىلىشى كېرەك.
4 . نەپەس ئېلىش شەكلى. فىلوت چىلىشنى ئۆگەنگۈچىلەر نەپەس ئېلىش ماھارىتىنىڭ مۇھىملىقىغا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. نەپەس ئېلىش مەشىقى ئەڭ ئاددىي، ئەڭ ئۈنۈملۈك مەشىق بولۇپ، پۈۋلەپ چالىدىغان سازلارنىڭ ھەممىسىدە نەپەسكە تايىنىپ ئاۋاز چىقىرىلىدۇ. شۇڭا، نەپەسنىڭ مۇھىملىقىنى باشقا تېخنىكىلىق مەشىقلەرنىڭ ئالدىغا قويۇش كېرەك. مەسىلەن: بارماق مەشىقى قىلغاندا ئۇسۇل پۈتۈنلەي توغرا بولمىسىمۇ، ئەمما ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇنى توغرىلىۋالغىلى بولىدۇ. نەپەس ئېلىش مەشىقى قىلغاندا چىڭ تەلەپ قويۇلمىسا ھەم مەشىق توغرا ئۇسۇلدا بولمىسا، ئۇ مۇزىكا چېلىشتىكى قىيىنچىلىققا ئايلىنىدۇ. شۇڭا، فىلوت چېلىشنى دەسلەپكى قەدەمدە ئۆگەنگۈچىلەر چوقۇم توغرا نەپەس ئېلىش ئۇسۇلىنى پۇختا ئىگىلىشى كېرەك.
|