|
قادىر مورزا
تاجىك مىللىتى ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا تەبىئەت بىلەن كۈرەش قىلىش ئارقىلىق مول خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ۋە رەڭگارەڭ مىللىي سەنئەتنى بارلىققا كەلتۈردى.
تاجىك خەلقى پامىر ئېگىزلىكىدە دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا، ئۆز تۇرمۇشىنى مەزمۇن قىلغان باي، لەرزان، تاجىك مىللىي ئۇسسۇلىنى ئاپىرىدە قىلدى.
‹‹ئۇسسۇل›› تاجىك تىلىدا ‹‹رەقىس›› دەپ ئاتىلىدۇ، تاجىك رەقىسلىرى گاھىدا بۈركۈتتەك، گاھىدا ئاققۇدەك پەرۋاز قىلىپ، پايانسىز بوشلۇقنى ‹‹رەقىس›› بىلەن بېزەپ كەلدى، ھازىرغا قەدەر ئىزچىل تۈردە ئوينىلىپ كېلىۋاتقان تاجىك ئۇسسۇللىرىدىن ‹‹بۈركۈت ئۇسسۇلى››، ‹‹ئاققۇ ئۇسسۇلى›› ۋە باشقىلار بار.
‹‹بۈركۈت ئۇسسۇلى›› نەۋقىران بۈركۈتنىڭ پەرۋازىغا تەقلىد قىلىپ ئوينىلىدىغان ئۇسسۇلدۇر. بۇ ئۇسسۇل شوخ، لەرزان، ھەرىكەتچان، ئوبرازلىق بولۇپ، ئۇنىڭدا قەيسەر بۈركۈت ئوبرازى يارىتىلىپ، سىمۋوللۇق ئېستېتىك غايە، ئىستەك ئىپادىلىنىدۇ، ‹‹بۈركۈت ئۇسسۇلى›› ئەڭ قەدىمكى ئەنئەنىۋى تاجىك ئۇسسۇللىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ ئۇسسۇل ئۆزىنىڭ بەدىئىي قىممىتىنى بارغانسېرى نامايان قىلىپ، قىممەتلىك مىراس سۈپىتىدە دۇنياغا يۈزلەنمەكتە.
‹‹ئاققۇ ئۇسسۇلى›› دا جۈپلىشىپ پەرۋاز قىلىۋاتقان بىر جۈپ ئاققۇنىڭ ئوبرازى يارىتىلىپ، تاجىك خەلقىنىڭ ئېستېتىك غايىسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.
ئۇسسۇلدىن باشقا، تاجىك خەلقى تۇرمۇش بىلەن باغلانغان قويۇق ئىتنوگرافىك تۈس ئالغان، تاجىك ئەنئەنىۋى مۇزىكا – مۇقاملىرىنى ئىجاد قىلغان بولۇپ، بۇلار ئىپادىلەيدىغان مەزمۇن خاراكتېرىگە ئاساسەن چاپسۇز، مەيلىس، ئات چاپار، ئەركەتىلۇ، تىمباك ساز، تەلقىن، قەسۇئىد، قەسىدە، رۇبائى قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ.
‹‹چاپسۇز›› يىرىك خەلق مۇزىكا شەكلى بولۇپ، تاجىك خەلقىنىڭ ‹‹بەنەمەك››، ‹‹قىزىل ياغلىق››، ‹‹دەريا››، ‹‹لەيلا›› قاتارلىق مەشھۇر خەلق كلاسسىك ناخشىلىرى مۇشۇ مۇزىكىغا چۈشۈرۈلگەن. ‹‹مەيلىس››مۇ قەدىمكى مۇزىكا شەكلى بولۇپ، ئۇنىڭغا خەلق ناخشىلىرىنىڭ بىر قىسمى كىرگۈزۈلگەن.
|