باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>مەدەنىيەت>>مەدەنىيەت – سەنئەت
ئاقتۇ ناھىيىسىدىن 27 كىشى ‹‹جۇڭگو ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتى قامۇسى››غا كىرگۈزۈلدى
2008- 08- 26 15:06 تەڭرىتاغ تورى

      ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇختەر نۇرمۇھەممەت خەۋىرى: يېقىندا ، مەركىزىي مۇزىكا ئىنىستىتۇتى ، شىنجاڭ سەنئەت تەتقىقات ئورنىدىكى مۇتەخەسىسلەردىن تەشكىللەنگەن ‹‹جۇڭگو ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتى قامۇسى››نى تۈزۈش گۇرۇپپىسىدىكى مۇتەخەسىسلەر ئاقتۇ ناھىيىسىگە كېلىپ ، كۆپ تەرەپلىمە تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇ ناھىيىدىكى 27 نەپەر كىشىنى تاللاپ ‹‹جۇڭگو ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتى قامۇسى››غا كىرگۈزدى.

      يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ ناھىيە ئەل ئىچى سەنئەتكارلىرىنى بايقاش ، ئۇلارنى ئاسراش ، ئىقتىسادىي جەھەتتە قوللاش شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئۆز ئىقتىدارىنى جارىي قىلدۇرۇشىغا شارائىت ھازىرلاپ بېرىش قاتارلىق بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق ، ئۇلارنىڭ ئەل ئىچى سەنئىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بەردى. ‹‹100 كۈنلۈك مەيدان مەدەنىيەت پائاالىيتى›› ۋە تۈرلۈك كۆرەكلەرنى تەشكىللەپ ، ئەل ئىچى سەنئەتكارلىرىنى خەلق ئارىسىدىكى تۈرلۈك مۇقام ۋە ئەل نەغمىلەر ئارقىلىق خەلق ئاممىسىغا مەنىۋى ئوزۇق بېرىشكە يېتەكلىدى. بۇنىڭ بىلەن بۇ ناھىيىنىڭ ئەل ئىچى سەنئىتىدە زور يۈكسىلىشلەر بارلىققا كېلىپ ، بىر تۈركۈم ئەل ئىچى سەنئەتكارلىرى ، مۇقامچىلار يېتىشىپ چىقتى. بۇ قېتىم مەركىزىي مۇزىكا ئىنىستىتۇتى ۋە شىنجاڭ سەنئەت تەتقىقات ئورنىدىكى مۇتەخەسىسلەر بۇ ناھىيىگە كەلگەندىن كېيىن ، بۇ سەنئەتكارلار ئۆزلىرىنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئىقتىدارىنى تولۇق جارىي قىلدۇرۇپ ، مۇتەخەسىسلەرنىڭ ئېتراپ قىلىشى ۋە ماختىشىغا ئېرىشتى ھەمدە بۇلار ئارىسىدىن 27 كىشى تاللىنىپ، ‹‹جۇڭگو ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتى قامۇسى›› غا كىرگۈزۇلدى.


 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ