|

سۈرەتتە : خېرىدارلار كەشتە بۇيۇملىرىنى كۆرمەكتە
كەشتىچىلىك ، بىزنىڭ ئەنئەنىۋى قول ھۈنەر – سەنئىتىمىزنىڭ بىرى. يېقىندىن بۇيان نەپىس كەشتىلەنگەن رامكىلىق سائەت ۋە تۈرلۈك گۈل نۇسخىلىرى ئائىلىلەردە قايتىدىن ‹‹ تۆرگە ›› چىقىپلا قالماي، يەنە يېڭىدىن بازارغا سېلىنغان كەشتىچىلىكنى ئۆگىتىش ئاساسىدا لايىھىلەنگەن باسما نۇسخىسىدىكى كەشتىلەرمۇ خانىم – قىزلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشمەكتە.
شىياۋشىمىن توپ سېتىش بازىرىدىكى كەشتە بۇيۇملىرىنى توپ تارقىتىش دۇكىنىنىڭ خوجايىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، يېقىندىن بۇيان كەشتە بۇيۇملىرىنىڭ بازىرى ياخشى بولغاچقا، دۇكان خوجايىنى ئەسلىدىكى سومكا ساتىدىغان دۇكاننى كەشتە بۇيۇملىرى ساتىدىغان دۇكانغا ئۆزگەرتكەن. دۇكاندىكى ھەرخىل كەشتە بۇيۇملىرىنىڭ، بولۇپمۇ يېڭىدىن ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن لايىھىلەنگەن كەشتە باسمىلىرىنىڭ بازىرى ئىتتىك بولۇپ، بۇ خىلدىكى ياستۇق قېپى، قولياغلىقلارنىڭ سېتىلىش باھاسى لايىھە نۇسخىسىغا قاراپ ئادەتتە 15 يۈەندىن 90 يۈەنگىچە ئىكەن.شەھىرىمىزدىكى بىر كەشتە بۇيۇملىرىنى سېتىش دۇكىنى خوجايىنىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ دۇكىنىغا سېلىنغان كەشتە بۇيۇملىرى ئىچىدە نەپىس كەشتىلەپ رامكىغا ئېلىنغان سائەت ۋە گۈل نۇسخىلىرىنىڭ بازىرى ئىتتىك بولۇپ، دۇكاننىڭ كۈندىلىك سودىسى 1000 يۈەندىن ئاشىدىكەن. دۇكان خوجايىنى يەنە كەشتىچىلىكتىن خەۋىرى بار بەزى ئائىلە ئاياللىرى بىلەن توختام تۈزۈپ، خېرىدارلارنىڭ تەلىپى بويىچە ئۇلارغا مال بۇيرۇتىدىكەن. ئادەتتە كەشتە بۇيۇملىرىنىڭ ماتېرىيال ھەققى بولۇپ، باھاسى 150 يۈەندىن 300 يۈەنگىچە بولغان قىممەت بىلەن رەسمىي تاۋار سۈپىتىدە بازارغا كىرىدىكەن.
|