باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>مەدەنىيەت>>مەدەنىيەت – سەنئەت
ئۈرۈمچى بىلەن سانجى بىرلىشىپ، ھۆسىنخەت رەسىم كۆرگەزمىسى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئولىمپىكنى تەبرىكلىدى
2008- 08- 14 12:03 تەڭرىتاغ تورى

       يېقىندا ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى بىلەن سانجى ئوبلاستلىق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ئۇيۇشتۇرغان ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەتتاتلار جەمئىيىتى، سانچى ئوبلاستلىق خەتتاتلار جەمئىيىتى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك گۈزەل – سەنئەتچىلەر جەمئىيىتى ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك گۈزەل – سەنئەت سارىيى قاتارلىق ئورۇنلار ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان ‹‹ چىگرا شەھەرنىڭ مېھر – مۇھەببىتى بېيجىڭغا تۇتاش ، مەدەنىيەت – سەنئىتىمىز ئارقىلىق ئولىمپىكنى قارشى ئالىمىز››  تېمىسىدىكى ئۈرۈمچى – سانجى گۈزەل – سەنئەت ، ھۆسنىخەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ئۈرۈمچى شەھەرلىك گۈزەل – سەنئەت سارىيىدا باشلانغان . كۆرگەزمىگە 173 نەپەر خەتتات ۋە  سەنئەتكارنىڭ 180 دىن ئارتۇق ئەسىرى قاتناشتۇرۇلغان.

      ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى جاڭ زىلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، بۇ پائالىيەت ، ئۈرۈمچى –سانجى خەلقىنىڭ ، ئولىمپىكقا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى ۋە جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت جەۋھىرىنىڭ يۇغۇرۇلمىسى بولۇپ ، ئۈرۈمچى – سانجىدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئولىمپىكقا بولغان گۈزەل ئارزۇ – تىلەكلىرىنى ئىپادىلەپ ببېرىدۇ .

 

 

( مۇھەررىر : قەيـسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ