|

سۈرەتتە : ئۇستىلار كۆپە تۇماق تىكمەكتە
يېقىندا ، شايار ناھىيىسىنىڭ قارا پاقلان تېرىسىدىن كۆپە تۇماق تىكىش تېخنىكىسى، ئىككىنچى تۈركۈمدىكى مەملىكەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كاتولوگىغا كىرگۈزۈلۈپ ، مەملىكەتلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى سۈپىتىدە قوغدىلىشقا ئېرىشتى.
شايار ناھىيىسىنىڭ كۆپە تۇمىقى ئەنئەنىۋى ھۈنەر – سەنئەت ئۇسۇلى بويىچە، قارا پاقلان تېرىسىنى پىششىقلاپ ئىشلەپ ، خام ماتېرىيالنى ئالاھىدە خىللاش ئارقىلىق تىكىلىدۇ. كۆپە تۇماقنىڭ تىكىلىش جەريانىنىڭ مۇرەككەپلىكى ، نەپىسلىگى، رەڭدارلىقى، سۈپەتلىكلىگى ، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مىللىي ئۆرپ – ئادىتى ۋە مەدەنىيىتىنى ئالاھىدە نامايەن قىلىدۇ . بۇ مىراس مەملىكەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش تۈرىگە كىرگۈزۈلۈپ ، ئەنئەنە ۋە مىللىي ئەنئەنىۋى ھۈنەر – سەنئەت مەدەنىيىتىنى قوغداشتا ، قوي تېرىسىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، مىللىي ماركا يارىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

|