|
تەكلىپىلىك مۇخبىرىمىز ھۆسىيىن مەمىتىمىن، ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئوبۇلقاسىم ئابلەتلەر خەۋىرى، فوتوسى
يېڭىسار ناھىيىسىنىڭ شەھەر يېزىسىدا 40 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتىنى ئەۋلات تەربىيلەشكە بېغىشلاپ دەم ئېلىشقا چىققان پېشقەدەم مائارىپچى ئابباس سەمەر باشقۇرۇشىدىكى ناھىيىلىك 1– باشلانغۇچ مەكتەپتە تەربىيلىنىۋاتقان «مۇقام» ۋارىسلىرىنى تەربىيلەش مەركىزىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئىيۇل ئېيىنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلاپ بېيجىڭ ئولىمىپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ غەلبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش يۈزسىدىن مەخسۇس تېمىدىكى ئەدەبىيات – سەنئەت نومۇرلىرىنى تەييارلاشقا كىرىشكەن ئىدى. كىچىك ئارتىسلار ئۇستازلىرى ئابباس سەمەر بىلەن مەمەت ئابباسلارنىڭ تومۇز ئىسققا قارىماي ئەستايىدىل تەربىيلەش نەتىجىسىدە قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدىلا ئىسلاھات ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 30 يىلدىن بۇيانقى ناھىيمىزنىڭ ئىقتىسادى، ئىجتىمائى تەرەقىياتىدا قولغا كەلتۈرگەن ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى مەدھىيلەش، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ غەلبىلىك ئېچىلىشىنى قارشى ئېلىش، مۇقىملىق، ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسى مەزمۇن قىلىنغان « مەرھابا ئولىمىپىك »، « مۇقىملىق ھەممىدىن ئەلا »، « ئولىمپىك مەشئىلى — مۇقەددەس مەشئەل » قاتارلىق 10 غا يېقىن مول مەزمۇنلۇق ئەدەبىي – سەنئەت نومۇرلىرىنى تەييارلىدى. ئىگىلىنىشچە، بۇ كىچىك ئارتىسلار يۇقارقى نومۇرلارنى نۆۋەتتە ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، جىددىي رېپىتىس قىلىۋىتىپتۇ، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلىنىشنىڭ ئالدى – كەينىدە، ناھىيمىزدىكى ھەر ساھە ئاممىسى ۋە ئاتا – ئانىلارغا دوكلات ئويۇنى سۈپىتىدە كۆرسىتىدىكەن. سۈرەتتە: كىچىك ئارتىسلار ئۇستازىنىڭ يېتەكچىلىكىدە جىددىي رېپىتىس قىلماقتا.



|