|
9–نۆۋەتلىك CCTV تېلېۋىزىيە مودېل مۇسابىقىسىنىڭ شىخەنزە لوڭقىسى مۇسابىقىسى شىنجاڭ مۇسابىقە رايونىدا 5–ئاۋغۇست مۇسابىقە باشلاندى ، مۇسابىقىدە تاللانغان يۈز نەپەر ماھىر ئىچىدىن 70 نەپىرى داۋاملىق مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ .
بۇ قېتىملىق تاللاش مۇسابىقىسىنى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، شىنجاڭ مودېللار كەسپىي جەمئىيىتى، شىخەنزە شەھەرلىق خەلق ھۆكۈمىتى قاتارلىق ئورۇنلار ئۇيۇشتۇرغان . تىزىمغا ئالدۇرغان 300نەچچە ماھىر شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن . بۇنىڭ ئىچىدە يەنە جىلىندىن كەلگەن ماھىرلارمۇ بار. ماھىرلار ھەر خىل مىللەتتىن بولۇپ كۆپىنچىسى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىكەن .
تۇنجى نۆۋەتلىك تاللاش مۇسابىقىسىدىن تاللىنىلغان ماھىرلار ئۈرۈمچىگە يىغىلىپ داۋاملىق مەشىق ئېلىپ بارىدۇ، يەنە ئىككى قېتىملىق شاللاشتىن كېيىن 45نەپەر ماھىر تاللىنىپ 10 – سىنتەبىر شىخەنزىدە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ . ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىن تاللاپ چىقىلغان بەش نەپەر قىز ماھىر ، ئۈچ نەپەر ئوغۇل ماھىر بېيجىڭغا بېرىپ مەملىكەتلىك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ .
|