باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>مەدەنىيەت>>مەدەنىيەت – سەنئەت
‹‹ئىسلاھاتنى مەدھىيىلەش، ئولىمپىكنى كۈتىۋېلىش، ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش››ئەدەبىيات–سەنئەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى
2008- 08- 05 15:01 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى

      4 – ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن،ئاپتونوم رايونغا بىۋاستە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتى‹‹ ئىسلاھاتنى مەدھىيىلەش، ئولىمپىكنى كۈتۈۋېلىش، ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش›› ئاساسىي تېما قىلىنغان ئەدەبىيات – سەنئەت پائالىيىتىنى ئويۇشتۇردى.

     ئاپتونوم رايونغا بىۋاستە قاراشلىق ئورگانلاردىكى 44 كومىتېت، ئىشخانا، نازارەت، ئىدارىدىكى 890 خادىم بۇ قېتىمقى ئويۇن قويۇش پائالىيىتىگە قاتناشتى. پۈتۈن پائالىيەت باشلىنىش مۇزىكىسى، تولۇپ تاشقان قايناق ھېسسىيات بىلەن ئىسلاھاتنى مەدھىيىلەش، قىزغىنلىق بىلەن ئولىمپىكنى كۈتىۋېلىش ھەممە بىر نىيەتتە ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، خاتىمە قاتارلىق 5 قىسىمدىن تەركىب تاپقان. ئەدەبىيات– سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنداشتىن ئىلگىرى، ئاپتونوم رايونغا بىۋاستە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتى 7– نۆۋەتلىك ئىشچى– خىزمەتچىلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە ئەدەبىيات – سەنئەت مۇسابىقىسىدىكى نەتىجىسى ئەلا بولغان خادىملارنى مۇكاپاتلىدى.

     ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن لى يى، دۇ چىڭرۈي، تىلىۋالدى ئابدۇرىشىت، كې لى ۋە  ئاپتونوم رايونغا بىۋاستە قاراشلىق ئورگانلاردىكى 2 مىڭغا يېقىن پارتىيىلىك كادىر سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆردى.

( مۇھەررىر : قەيـسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ