|
ماھىرە ئەمەتجان
ئۇسسۇل ئوبزورچىلىقى ئۇسسۇل سەنئىتىنىڭ تەرەققىياتىدا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ئەدەبىي ژانىر. ئۇسسۇل ئوبزورچىلىقى ئۇسسۇل ئىجادىيەتچىلىرى بىلەن تاماشىبىن، ئۇسسۇل ئەسىرى بىلەن تاماشىبىنلارنىڭ ئېستېتىك زوقلىنىشى ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئويناپ، خەلقنىڭ ئۇسسۇل سەنئىتىگە بولغان مەنىۋى تەشنالىقى، ئارزۇ – تەلەپلىرى، پسىخىك تەلپۈنۈشلىرىنى ئۇسسۇل ئىجادىيەتچىلىرى، ئۇسسۇل ئورۇندىغۇچىلارغا يەتكۈزۈپ، ئۇسسۇل سەنئىتىنىڭ يېڭى تەرەققىياتى ئۈچۈن توسقۇن بولۇۋاتقان ھەر خىل خاتا خاھىشلارنى قامچىلاپ، ئۇسسۇل سەنئىتىنى ساغلام تەرەققىيات يولىغا يىتەكلەيدۇ. لېكىن بىزدە ھازىرغىچە ئۇسسۇل ئوبزورچىلىقى ئەڭ كەمچىل، ئەڭ ئاجىز ھالقا بولۇپ كەلدى، بۇ ھەقىقەتەنمۇ بىر ئەپسۇسلىنارلىق ئىش، ئەلۋەتتە.
ئۇسسۇل ئىجادىيەتچىلىرى ئۇسسۇل ئەسەرلىرىنى ئۆزى كۆرۈش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى تاماشىبىنلارنىڭ خەلقنىڭ كۆرۈشى ئۈچۈن ئىجاد قىلىدۇ. ھەر قانداق ئۇسسۇل ئەسىرى سەھنىدە ئوينالغاندىن كېيىن تاماشىبىن خەلق ئۇنىڭدىن مۇئەييەن دەرىجىدە ئېستېتىك زوق ئالىدۇ، شۇ ئاساستا شۇ ئۇسسۇل ئەسىرى، شۇ ئۇسسۇلنى ئورۇندىغۇچى ۋە شۇ ئۇسسۇلنىڭ ئىجادىيەتچىسىگە باھا بېرىدۇ. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، بېرىلگەن مۇشۇ باھا شۇ ئۇسسۇل ھەققىدىكى ئىجابىي ياكى تەنقىدىي مۇلاھىزە بولۇپ، ئۇسسۇل ئوبزورچىلىرى ئاشۇ ئىجابىي ياكى تەنقىدىي مۇلاھىزىلەرنى مۇجەسسەملەپ، ئۇسسۇل ئىجادىيىتى ۋە ئۇنى ئورۇنداش سەنئىتىگە نىسبەتەن يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە تەنقىد، تەكلىپ بېرىدۇ ياكى ئۇنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. دېمەك، ئۇسسۇل ئوبزورچىلىقى ئۇسسۇل ئىجادىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تاماشىبىنلارنىڭ بەدىئىي زوقلىنىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. ئۇسسۇل ئىجادىيىتىدىكى تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش ئاساسىدا ئۇسسۇل ئىجادىيىتىنى يەنە بىر يېڭى تەرەققىياتقا يېتەكلەيدۇ.
لېكىن، ئۇسسۇل ئوبزورچىلىقىدا توغرا ۋە ئىلمىي ئۆلچەم بولۇشى لازىم. ئەگەر ئۇسسۇل ئەسەرلىرىنى تەھلىل قىلىش، باھالاشتا مۇئەييەن ئۆلچەم بولمىسا، بىرەر شەخس ياكى ئايرىم كىشىلەرنىڭ سۇبيېكتىپ خاھىشى بويىچە ئۇسسۇل ھەققىدە بىر تەرەپلىمە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈلسە، ئۇسسۇل سەنئىتىنىڭ ئۆزىگە خاس قانۇنىيىتى ۋە ئالاھىدىلىكى نەزەردىن ساقىت قىلىنسا زادىلا بولمايدۇ. شۇڭا ئۇسسۇل ئوبزورچىلىقىنىڭ توغرا ۋە ئىلمىي ئۆلچىمىنى مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا ھەر خىل ئۇسسۇل ئەسەرلىرىنى تەھلىل قىلىش ۋە ئۇلارغا باھا بېرىشتە ئاساسلىنىدىغان ئاساس ۋە مىزان دېسەكمۇ بولىدۇ. مانا بۇ مىزان بىلەن ئۇسسۇل ئەسەرلىرىنىڭ ياخشى – يامانلىقىنى، مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققان – چىقمىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەرگىلى بولىدۇ. مېنىڭچە، ئۇسسۇل ئوبزورچىلىقىنىڭ ئۆلچىمى مۇھىمى تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
1. ئەسەردە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن تۇرمۇش چىنلىقى
ئۇسسۇل ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ئۇسسۇل ئىجادىيەتچىلىرىنىڭ سۇبيېكتىپ مېڭىسىدىكى ئىنكاسىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىن ئايرىلغان ھالدا ئۇسسۇل سەنئىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. گەرچە ئۇسسۇل سەنئىتى ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ئىنكاسى بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى ئەينەن مېخانىك يوسۇندا ئەكس ئەتتۈرمەستىن، ئەكسىچە ئۇسسۇل تىلى، يەنى ئوبرازلاشقان ئۇسسۇللۇق ھەرىكەتلەر ۋە باشقا ئۇسسۇل ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ ئومۇملاشتۇرۇپ، ئوبرازلاشتۇرۇپ، بەدىئىيلەشتۈرۈپ ئەكس ئەتتۈرىدۇ ۋە شۇ ئارقىلىق بەدىئىي قىممەت يارىتىپ، ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل تەسىر كۈچىنىڭ دەرىجىسى ئۇسسۇل ئەسەرلىرىدە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن تۇرمۇش چىنلىقىنىڭ يۇقىرى – تۆۋەنلىكى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. شۇڭا ئۇسسۇل ئەسەرلىرىگە باھا بەرگەندە ئۇنىڭ تۇرمۇش چىنلىقىنى قانچىلىك دەرىجىدە ئەكس ئەتتۈرگەنلىكىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشكە توغرا كېلىدۇ.
2. ئۇسسۇل ئەسەرلىرىدە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن يەرلىك ئالاھىدىلىك ۋە مىللىي خاسلىق
يەرلىك ئالاھىدىلىك ۋە مىللىي ئالاھىدىلىك ئۇزاق ئەسىرلىك تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا شەكىللەنگەن، ئىزچىل داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان مىللىي مەدەنىيەتنىڭ جۇغلانمىسى بولۇپ، ئۇ ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ جۇغراپىيىلىك مۇھىتى، ئۆرپ – ئادىتى، تۇرمۇش ئەنئەنىسى، تىرىكچىلىك ئۇسۇلى، پسىخىك ئالاھىدىلىكى، ئېستېتىك قىزىقىشى، قىممەت قارىشى، تەپەككۇر ئۇسۇلىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسەن ئوخشاش بولمىغان شەكىلدە ئىپادىلىنىدۇ. شۇڭا ھەر بىر ئۇسسۇل ئەسىرىدە شۇ ئۇسسۇل ئەسىرى مەنسۈپ بولغان مىللەت ۋە خەلقنىڭ يۇقىرىقى ئالاھىدىلىكى ۋە خاسلىقى ئالاھىدە گەۋدىلىنىشى كېرەك. چۈنكى يەرلىك ئالاھىدىلىك ۋە مىللىي خاسلىقى بولمىغان سەنئەتنىڭ ئۆزگىچىلىكى، ئۆزىگە خاس گۈزەللىكى، نەپىسلىكى بولمايدۇ. شۇڭا ئۇسسۇل ئەسەرلىرىگە باھا بەرگەندە شۇ ئەسەردە يەرلىك ئالاھىدىلىك ۋە مىللىي خاسلىقنىڭ قانچىلىك گەۋدىلەنگەنلىكىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشكە توغرا كېلىدۇ.
3. ئۇسسۇل ئەسەرلىرىدە مەزمۇن بىلەن شەكىلنىڭ جىپسىلاشتۇرۇلۇشى
ھەر قانداق بىر سەنئەت ئەسىرى ئۆزىگە خاس مەزمۇن ۋە شەكىلگە ئىگە. جۈملىدىن ئۇسسۇل ئەسەرلىرىمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس. ئۇسسۇل ئەسىرىنىڭ مەزمۇنى بىلەن شەكلىنىڭ مۇناسىۋىتى دىئالېكتىك بىرلىك مۇناسىۋىتى بولۇپ، ئۇسسۇلنىڭ مەزمۇنى ئۇنىڭ شەكلىنى بەلگىلەيدۇ ۋە مەزمۇن بىلەن شەكىل بىر – بىرىنى شەرت قىلغان ھالدا تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. يەنى، ئۇسسۇل ئەسىرىنىڭ مەزمۇنى بىلەن شەكلىنىڭ بىرلىكى ئۇسسۇللۇق ئوبرازدا كونكرېت ئىپادىلىنىدۇ. ئۇسسۇل ئىجادىيەتچىلىرى بىر پۈتۈن ئۇسسۇللۇق ئوبراز ئارقىلىق ئەسەرنىڭ مەزمۇنىنى ئىپادىلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇسسۇللۇق ئوبراز يارىتىش ئۈچۈن قوللانغان بەدىئىي ئىپادىلەش ۋاسىتىلىرىنىڭ يىغىندىسى سۈپىتىدە ئۇسسۇل ئەسىرىنىڭ شەكلىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. شۇڭا ئۇسسۇل ئەسەرلىرىدە شەكىل مەزمۇننى ئىپادىلەپ بېرىشكە ماس كېلىشى كېرەك. ئەگەر ئۇسسۇل ئەسەرلىرىنىڭ مەزمۇنى بىلەن شەكلى بىر – بىرىگە جىپسىلاشمىسا ئۇسسۇل ئەسەرلىرىدە كۆڭۈلدىكىدەك بەدىئىي ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈم ياراتقىلى بولمايدۇ. شۇڭا ئۇسسۇل ئوبزورچىلىقىدا ئۇسسۇل ئەسىرىدىكى مەزمۇن بىلەن شەكىلنىڭ جىپسىلاشقان – جىپسىلاشمىغانلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشكە توغرا كېلىدۇ.
ئومۇمەن ئېيتقاندا، مەلۇم بىر مىللەت، مەلۇم بىر رايوننىڭ ئۇسسۇل سەنئىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشى، گۈللىنىشى ھامان ئۇسسۇل ئوبزورچىلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇسسۇل ئوبزورچىلىقى ئۇسسۇل ئىجادىيىتى ۋە ئۇسسۇل ئورۇنداش سەنئىتىنى ساغلام راۋاجلاندۇرۇش، توغرا تەرەققىيات يولىغا يېتەكلەشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. شۇڭا بىز ئۇسسۇل ئوبزورچىلىقىنىڭ ئومۇملىشىشى ۋە تەرەققىياتىغىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشىمىز لازىم.
|