باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>مەدەنىيەت>>ئەنئەنە>>ئۆرىپ–ئادەت
ئەنئەنىۋى بالىلار ئويۇنلىرى
2008- 08- 04 15:55 ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

       چاچ ئۆرۈش ئويۇنى

     ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ئويۇنلىرىنىڭ تارىخى ئۇزاق ، مەزمۇنى چوڭقۇر ، شەكلى خىلمۇخىل بولۇپ ، كۆڭۈل ئېچىش خاراكتېرىدىكى ئويۇنلاردۇر . بۇ ئويۇنلار بالىلارنىڭ زېھنىنى ئېچىپ ، ئىجادچانلىقىنى ئاشۇرىدۇ . بولۇپمۇ ساغلاملىققا پايدىلىق ساۋاقلار كۆپرەك مەزمۇننى ئىگىلەيدۇ . بالىلار ھەرخىل ئويۇنلارنى ئويناش ئارقىلىق ئىتتىپاقلىق ، ئۇيۇشچانلىقنى كۈچەيتىدۇ .

      ئۇيغۇر بالىلار ئويۇنلىرى ئىچىدە قىزلارغا خاس ئويۇنلار ئۆرپ – ئادەتنى ئىپادىلەشكە مايىل بولۇپ ، بۇ ئويۇنلار مىللىي خاسلىقنى ئىپادىلەشتە ئالاھىدە گەۋدىلىك ئورۇندا تۇرىدۇ . ئوغۇللارنىڭ ئويۇنلىرى ئۇيغۇر يىگىتلىرىنىڭ باتۇر ، قورقماس ، چەبدەس خاراكتېرىنى نامايەن قىلىدۇ .

      ‹‹ چاچ ئۆرۈش ئويۇنى ›› روشەن پەسىل خاراكتېرىگە ئىگە ئويۇن بولۇپ ، ئاساسەن ئەتىياز ۋە ياز پەسىللىرىدە ئوينىلىدۇ .

      ئويناش ئۇسۇلى : ئويۇنغا قاتناشماقچى بولغان قىزلار جەم بولۇپ ، چاچلىرىنى چىرايلىق تاراپ چاچ ئۆرۈشكە تەييار بولۇپ تۇرىدۇ . باش بولغۇچى قىزلارنى چاچ ئۆرۈشكە تەشكىللەيدۇ . شۇنىڭ بىلەن چاچ ئۆرۈش باشلىنىدۇ . قىزلار چاچلىرىنى ئۆرۈپ بولغاندىن كېيىن ئويۇنغا رىياسەتچىلىك قىلغان قىز ئۇلارنىڭ چېچىنىڭ تەلەپكە لايىق ئۆرۈلگەن – ئۆرۈلمىگەنلىكىگە قاراپ چىقىپ ، ياخشى ئۆرۈيەلمىگەنلىرىنى قايتىدىن ئۆرۈشكە بۇيرۇيدۇ . ئەگەر ئۇ قىز يەنىلا ياخشى ئۆرۈيەلمىسە ئۇنىڭغا ‹‹ جازا ›› بېرىلىدۇ . ئويۇندا قىزلار چوقۇم چېچىنى 40 تال ( ياكى ئۆزلىرى بېكىتىۋالغان ئۆرۈم سانى بويىچە ) ئۆرۈشى ، ھەم تېز ، ھەم قائىدىلىك ئۆرۈشى ، چاچ ئۆرۈشى ، چاچ ئۆرۈۋېتىپ گەپ قىلىشماسلىقى ، چاچنى ئۆلچەملىك ، رەتلىك ئۆرۈشى لازىم . بۇ ئويۇن قىز – چوكانلارنىڭ ئائىلىسىدە چاچلىرىنى ئۆرۈپ قويۇشتەك مىللىق ئەنئەنىگە تەقلىد قىلىشتىن پەيدا بولغان . قىزلار ، بولۇپمۇ چېچى ئۇزۇنراق ، يېشى كىچىك قىزلار چاچلىرىنى ئۆزلىرى 40 تال قىلىپ ئۆرىيەلمەيدۇ . بۇ ئويۇننى ئويناش ئارقىلىق ئۇلار مۇستەقىل ئىش قىلىشنى ، شەخسىي تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىشنى ، رەتلىك ، پاكىز يۈرۈشنى ، چامى يەتكەن ئىشلارنى ئۆزى قىلىشنى ئۆگىنىدۇ . بۇنىڭدىن سىرت ، ئۇلار يەنە ئۇيغۇر قىزلىرىغا خاس نازاكەت ۋە ئەۋرىشىملىكىنى چاچ ئۆرۈشتەك ئاددىي ئويۇنلار ئارقىلىق ئۆگىنىپ ، دەسلەپكى قەدەمدە گۈزەللىك تەربىيىسىگە ئىگە بولىدۇ . بۇ ئەجدادلارنىڭ ئۆرپ – ئادىتىنى ئۈزۈلدۈرمەي ساقلاپ قېلىشتا بەلگىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە .

      ئاداش – ئاداش ئويۇنى

    ‹‹ ئاداش – ئاداش ئويۇنى ›› ھازىرغىچە يېزا – قىشلاقلاردا ئوغۇللار ئويناپ داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئويۇنلارنىڭ بىرىدۇر . ئويۇننى باشلاش تەرتىپى مۇنداق بولىدۇ : ئۈچ ئوغۇل بالا قاتار تىزىلىپ بىر – بىرىنىڭ دولىسىنى ئىككى قوللاپ تۇتۇپ ، بىر پۇتلاپ تاقلاپ سەكرەپ ، قوشاق ئېيتىش بىلەن تەڭ ئويۇننى باشلايدۇ . ئۇلار شۇ تەرتىپتە تاقلاپ قولىنى مۈرىگە قويۇپ توختىماي سەكرەپ مەھەللىنى ئايلىنىپ چىقىدۇ ۋە سەكرەش جەريانىدا باشقا ئوغۇللارنىمۇ سەپكە قوشۇلۇشقا چاقىرىدۇ .

     ئوينايدىغان بالا بارمۇ ؟

     مۆرەيدىغان كالا بارمۇ ؟

     مەھەللىدە بىز بىلەن ،

    ئاداش بولار بالا بارمۇ ؟

   دېگەن قوشاق بىلەن تەڭ سەپكە قېتىلىدىغان بالىلار پۈتۈنلەي قوشۇلۇپ بولغاندىن كېيىن ، بارلىق ئويۇنغا قاتناشقان بالىلار بىرلىكتە :

    ئاداش – ئاداش بولايلى ،

    ئالما قېقى شورايلى .

    تالىشىپ يېگەچ بىر ناننى ،

    دەريا بويى بويلايلى .

                        ئاداش – ئاداش بولايلى ،

                        ئالما قېقى شورايلى .

                        ئۇلۇغ ناننىڭ بويىدا ،

                       بىر نان تاپساق تەڭ يەيلى .

     چېم چۆچىكىم ، چىم چۆچەك ،

     ئوتتۇرىسى كۆلمەنچەك ،

     سۇ قۇيسام تېشىپ كەتتى ،

     ئۆمىلىپ قېچىپ كەتتى .

                      كېلىڭ دوستلار ئوينايلى ،

                      ئاداش – ئاداش بولايلى .

                      بىر نان تاپساق تەڭ يەيلى ،

                      ئايرىلماس دوست بولايلى .دېگەندەك قوشاقلارنى ئۈنۈملۈك ، تەرتىپلىك ، رېتىملىق ئېيتىدۇ .

       بۇ ئويۇن بالىلارنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقىغا پايدىلىق بولۇپ ، قىش پەسلىدە ئوينالسا بالىلارنىڭ سوغۇقتىن مۇداپىئەلىنىش ، قورقماس ، چىدامچان خاراكتېرىنى يىتىلدۈرۈش بىلەن بىللە يەنە كۆڭۈل ئېچىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ .

      بۇ ئويۇننىڭ ئەڭ جەلپكار نۇقتىسى تىل بۆلىكىدە بولۇپ ، بۇ ئويۇندا ئېيتىلغان قوشاقلار بالىلارغا خاس چۈچۈك تىلى ، ئاددىي قاپىيە ، رېتىملىق ئالاھىدىلىككە ئىگە ، بۇ ئويۇندا ھەرىكەت بىلەن سەنئەت تەبىئىي ھالدا بىرلەشتۈرۈلۈپ ، ئويۇننى تەشكىللىك ھالدا ناخشا – قوشاق پائالىيتىگە ئايلاندۇرىدۇ . بۇ قوشاقلار مىللىتىمىزنىڭ ناخشا – قوشاقچىلىق ئەنئەنىسىنىڭ بالىلار ئويۇنلىرىدىكى جانلىق ئىپادىسى .

     بۇ ئويۇننىڭ ‹‹ ئاداش – ئاداش ئويۇنى›› دېگەن نامىدىنلا ئويۇننىڭ ھەمدەملىككە ، بىرلىكلىككە سىمۋول قىلىنغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس . بۇ ھەم بالىلارنىڭ ئۆملۈككە بولغان ئىنتىلىشىنى ئىپادىلىسە ، ھەم بالىلارنىڭ ئويۇندىن تەڭ ھوزۇرلىنىش ، بەھىرىنىش ھېسسىياتىنى ئىنكاس قىلىدۇ .  

 

      

( مۇھەررىر : قەيـسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ