باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>مەدەنىيەت>>ئەنئەنە>>ئۆرىپ–ئادەت
كۈسەننىڭ بەش جۇلۇق يارمىقى
2008- 07- 31 15:14 تەڭرىتاغ تورى

      قەدىكمى پۇللار — قەدىمكى ئىنسانلارنىڭ ئىقتىسادىي ئالاقىسىدىكى مۇھىم ۋاستە بولۇپ ، ئۇ شۇ دەۋرنىڭ ئىجتىمائىي ، ئىقتىسادىي ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات دەرىجىسىنى بەلگىلەپ بېرىدىغان مۇھىم يادىكارلىق .

      شىنجاڭ قەدىمدە ‹‹ يىپەك يولى›› نىڭ مۇھىم تۈگۈنى بولغاچقا ، غەرب بىلەن شەرق ئوتتۇرسىدىكى ئىقتىساد مەدەنىيتى شىنجاڭدا ئۇچراشقان ، تەسىرلەشكەن ، بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان يەرلىك ئىقتىساد ، مەدەنىيەت تەركىبلىرى بىلەن چەتنىڭ ئىقتىساد ، مەدەنىيەت ئامىللىرى بىرگە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان ھالەت شەكىللەنگەن . بۇ خىل ئەھۋال شىنجاڭنىڭ قەدىمكى پۇللىرىدا ئەڭ گەۋدىلىك ئىپادىلەنگەن بولۇپ ، قەدىمدە شىنجاڭدا يەرلىك پۇللاردىن باشقا ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ ، غەربتىكى ئەللەرنىڭ پۇللىرى ئىقتىساد ئالماشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئويناپ كەلگەن . ھازىرغىچە شىنجاڭدىن تېپىلغان قەدىمكى تارىخ – مەدەنىيتى ۋە ئىقتىسادىي ئالاقە ئەھۋالىدىن ئۇچۇر بېرىپ كەلمەكتە .

     كۈسەننىڭ بەش جۇلۇق يارمىقى شىنجاڭدىن تېپىلغان قەدىمكى پۇللارنىڭ بىرى . كۈسەن بەش جۇلۇق يارمىقى كۈسەن بەگلىكىنىڭ بەش جۇلۇق يارماققا تەقلىد قىلىپ قۇيغان پۇلى ، قىزىل مىسنى ماتېرىيال قىلغان ، جەنۇبىي – شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرى ياكى ئۇنىڭدىن سەل بۇرۇنقى دەۋرلەردە ياسالغان . ئاساسلىقى ھازىرقى كۇچا ، بۈگۈر ، باي قاتارلىق كۈسەن دۆلىتىنىڭ زېمىنىدا ئوبوروت قىلىنغان . بۇ پۇلدىن ھازىرغىچە 10 مىڭ دانىدىن كۆپرەك تېپىلدى . پۇلدا كۈسەن يېزىقى بولۇپ ، ئادەتتىكى بەش جۇلۇق يارماقتىن سەل پەرقلىنىدۇ . ئۇنىڭ چوڭ – كىچىكلىكى ، ئېغىر – يېنىكلىكىگە قاراپ بەش خىلغا بۆلۈشكە بولىدۇ . ئادەتتە ئايلانمىسى 2.1~1.3 سانتىمېتىر ، ئوتتۇرسىدىكى تۆشۈكنىڭ ئايلانمىسى 0.5 ~ 0.9 سانتىمېتىر ، ئېغىرلىقى 2.2 ~ 1.43 گرام كېلىدۇ . خەنزۇچە جۈەنشۇ خېتى شەكىلىدە‹‹ 五铢››( بەش جۇ ) دېگەن خەت خەت ۋە كۈسەن يېزىقى يېزىلغان . خەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىغا قاراپ ئۇنى ئۈچ خىلغا ئايرىشقا بولىدۇ . بىرىدە ئوڭ يۈزىگە دېگەن ‹‹ 五铢›› خەت ( بەش جۇ ) دېگەن خەت ، سول يۈزىگە كۈسەن يېزىقى چۈشۈرۈلگەن بولۇپ ، بۇلار ئاساسلىق ئورۇننى ئىگىلەيدۇ . يەنە بىرىدە ، ئىككى خىل يېزىقنىڭ ھەممىسى ئوڭ يۈزىگە چۈشۈرۈلگەن بولۇپ ، ئارقىسى سىدام ، ئۈچىنچى بىرىگە پەقەت كۈسەن يېزىقى چۈشۈرۈلۈپ خەنزۇچە خەت چۈشۈرۈلمىگەن ، بۇنداق يارماقتىن پەقەت ئۈچ دانىلا بار .   

( مۇھەررىر : قەيـسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ