|
يېقىندا ، ئاپتونوم رايونىمىزدا يەنە 41 تۈر 2 – تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بولۇپ تاللاندى . بۇلارنىڭ ئىچىدە ، ئاقسۇ شەھىرى ئىلتىماس قىلغان ‹‹ چۆرىقۇم مەشرىپى ›› مۇ بار.
‹‹ چورىقۇم مەشرىپى ›› ئاقسۇ شەھىرىنىڭ قاراتال بازىرى چورىقۇم كەنتى ۋە قەدىمىي ئايماق كەنتىدە پەيدا بولغان قەدىمىي دولان مەشرىپى بولۇپ ، بۇ ئاقسۇ شەھىرىدە كەڭ تارقالغان قويۇق يەرلىك ئالاھىدىلىكى ۋە ئۆزگىچە ئورۇنداش ئۇسلۇبىغا ئىگە مەشرەپ شەكلى ، ئۇ400 نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە .
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ، ئاقسۇ شەھىرى غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش خىزمەت سالمىقىنى ئاشۇرۇپ ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت كادىرلىرىدىن 800 ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق كۈچ تەشكىللەپ ، يېزا ( بازار) مەيدانلاردا قېزىش ، رەتلەش ، قوغداش خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇردى . باھالاش ۋە تەكشۈرۈش ، شەھەر بويىچە 146 نوقتىلىق غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى رەتلەش ۋە تاللاش ئارقىلىق ، بۇ تۈرلەرنى ئاقسۇ شەھىرىنىڭ تۈنجى تۈركۈمدىكى غەيرى ماددى مەدەنىيەت مىراسلىرى تەتقىقات ئورنىغا يوللىدى. نۆۋەتتە ، ئاقسۇ شەھىرى دۆلەت دەرىجىلىك ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئىلتىماس قىلىش خىزمىتىنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ ئىشلىمەكتە .
|