باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>مەدەنىيەت>>مەدەنىيەت – سەنئەت
تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسۇل بايرىمىنى خۇلاسىلەش– تەقدىرلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
2008- 07- 29 18:35 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى

      تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسۇل بايرىمىنى خۇلاسىلەش – تەقدىرلەش يىغىنى 28 – ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلىپ ، تۇنجى نۆۋەتلىك ‹‹ ئۇسسۇل بايرىمى ››نىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى ئۆرنەك قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇش تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

     يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، تەشۋىقات بۆلىمىنىڭ باشلىقى لى يى رىياسەتچىلىك قىلدى . ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تىلىۋالدى ئابدۇرېشىت ئاپتونوم رايوننىڭ ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار شەخسلەرنى تەقدىرلەش توغرىسىدىكى قارارىنى ئوقۇپ ئۆتتى . يىغىندا تۇنجى نۆۋەتلىك ئۇسسۇل بايرىمىدىكى  92 ئىلغار ئورۇن ۋە 65 ئىلغار شەخىس تەقدىرلەندى .

     تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمى – ئاپتونوم رايونىمىز تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزگەن دۆلەت دەرىجىلىك ، خەلقئارا خاراكتېرلىق چوڭ تىپتىكى مەدەنىيەت سەنئەت ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى . بۇ قېتىم ئۇسسۇل بايرىمى مۇۋەپپىقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈپلا قالماي ئۇنىڭدا يەنە ئۆزىگىچە  ئالاھىدىلىكمۇ گەۋدىلەندۈرۈلدى . ئۇسسۇل بايرىمىغا قاتناشقان سەنئەت ئۆمەكلىرىنىڭ كۆپىنچىسى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى داڭلىق سەنئەت ئۆمەكلىرىدىن تەشكىللەنگەندىن سىرت يەنە خەلقئاراغا داڭلىق ئۇسۇلچىلار ، مۇزىكانتلار سەنئەت كۆرىكىگە قاتنىشىپ ، ئۇسۇل بايرىمىنىڭ سەۋىيىسى ۋە سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈردى . دۆلەت ئىچى ۋە سىرتى شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 18 مەدەنىيەت – سەنئەت ئۆمىكى ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 50 مىڭدىن ئارتۇق ھەرمىللەت تاماشىبىنىغا  45مەيدان يۇقىرى سەۋىيىگە ، قۇيۇق مىللىي تۈسكە ، رايون ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغان يېڭى نومۇرلارنى تەقدىم قىلدى .

     نۇر بەكرى يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى : ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مۇناسىۋەتلىك فونكسىيىلىك تارماقلار  تۇنجى نۆۋەتلىك ئۇسسۇل بايرىمىنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى ئۆرنەك قىلىپ ، يېڭى دەۋردىكى مەدەنىيەت خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقىغا بولغان تونۇشىنى يوقىرى كۆتۈرۈشى ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ گۈللەپ ياشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك . ئالدى بىلەن ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ ، خەلقنىڭ ئاساسىي مەدەنىيەت باراۋەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ؛  مەدەنىيەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ، بازارلىشىشى شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەدەنىيەت كەسپىنىڭ كۆلەملىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، ئەمەلىي كۈچكە ئىگە بولغان مەدەنىيەت كەسپىي بازىسىنى بەرپا قىلىپ ، مىللىي مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە داڭلىق ماركىلارنى يارىتىشى كېرەك . مەدەنىيەتنى ‹‹ سىرتقا چىقىرىش ›› ، ‹‹ تەكلىپ قىلىپ ئەكىرىش ›› ئسىتراتېگىيىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ، ئاكتىپلىق بىلەن خەلقئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىق پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ ئاپتونوم رايونىمىز مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ خەلقئارا مەدەنىيەت بازىرىدىكى ئورنىنى كېڭەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك .

      لى يى مۇنداق دېدى : ئىسلاھات ئېچىۋىتىشنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرلەش ۋە دۆلىتىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش پائالىيەتلىرىنى ياخشى ئىشلەش بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىكى ۋە كېلەر يىللىق تەشۋىقات مەدەنىيەت خىزمىتىدىكى ئاساسلىق مەزمۇنى ، ھازىردىن باشلاپ تەشۋىقات بۆلۈمى ، مەدەنىيەت نازارىتى قاتارلىق ئورۇنلار ئىسلاھات ئېچىۋىتىشنىڭ 30يىللىقىنى خاتىرىلەش چوڭ تىپتىكى مەدەنىيەت سەنئەت كېچىلىكى ، چوڭ تىپتىكى فوتو سۈرەت ، كىتاب كۆرگەزمىسى قاتارلىق خىزمەتلىرىگە بولغان تەييارلىقلىرىنى كۈچەيتىشى ؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا جايلار ئىسلاھات ئېچىۋىتىشنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرلەشنى ئاساسىي تېما قىلىپ يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە تۈرلۈك خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ياخشى تەشكىللىشى ؛  100 كۈنلۈك مەيدان مەدەنىيىتى پائالىيىتى ، يېزا ، كەنت مەدەنىيەت تەنتەربىيە پائالىيىتى قاتارلىق ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى كەڭ كۆلەمدە ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك .

 

( مۇھەررىر : قەيـسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ