باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>مەدەنىيەت>>ئەنئەنە>>ئۆرىپ–ئادەت
ئۇيغۇرلاردا مىسكەرلىك
2008- 07- 29 15:58 تەڭرىتاغ تورى


      ئۇيغۇر مىسكەرلىك سەنئىتىنىڭ تارىخى ناھايىتى ئۇزۇن بولۇپ ، مىس ، تۇچ ، ئاليۇمىن ، قوغۇشۇن ، سىنىك قاتارلىق يۇمشاق جىسىم تىپىدىكى ئېرىشچانلىقى كۈچلۈك مېتاللاردىن ئائىلە سايمانلىرى ، گۈزەل – سەنئەت بۇيۇملىرى ، زىبۇ –زىننەت بۇيۇملىرى ئىشلىنىپ ، مەملىكەت ئىچى – سىرتىدا نام چىقارغان . 
     ئۇيغۇرلاردا مىسكەرلىك قىلىش ئۈچۈن ، بولقا – سەندەل ، ئوچاق ، كۆيەك ، كۆمۈر ، ئوت پۈۋلىگۈچ ، چاسا بولقا ، كەكە بولقا ، بازغان ، قىسماق قاچا ، تۈز قاچا ، سەركۇل ، چاق ( سىلغايتىش چاقى ) ، ھەر خىل ئېكەك ، ئاق قۇم ، ( مىس ئاليۇمىن ئېرىتىدىغان سايمان ) قاتارلىق سايمانلارنى ئىشلىتىدۇ . مىسكەرلىك ئۇسۇلىدىن ئاپتۇۋا – چىلاپچا ، چۆگۈن ، مانتا قازىنى ، مىس قازان ، مىس داش قازان ، جۈنبۈل ، لېگەن ، كەپكۈر ، چەينەك ، مىس چىنە – پىيالە ، جام قاتارلىق نەچچە خىل ئائىلە سەيمانلىرى ، كولدۇرما ، زەنجىر ، ئات ئىگىرى ، ھارۋا جابدۇقلىرى ، ئىشىك – دەرۋازا زىننەت بۇيۇملىرى ، چاچ ئاسقۇ ، ئۈزۈك ، بىلەزۈك ، چازا ، تاج ، قاداق ، سوقما ، قۇيما ھەيكەل ، باسما ھەرپلىرى ، تامغا ، داچەن پۇل ۋە باشقا قۇيما بۇيۇملار بولۇپ ، تۆت يۈز سەكسەن خىلدىن ئارتۇق بۇيۇم ئىشلەپ چىقىرىدۇ . 
     ئۇيغۇرلاردىكى مىسكەرلىك ئىشلەش ئۇسۇلى مۇنداق بولىدۇ . مېتال خام ، پىششىق دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ . مىسكەرلىك ئەنئەنىسىدە ئېرىتىش ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدۇ . ئېرىتىش مۇۋاپىق ، ئۆلچەملىك بولمىسا ، سوققاندا قاسىراق كۆپ چىقىپ كېتىپ قالىدۇ ياكى بولقا تەگكەندە يېرىلىپ ، ئۇۋىلىپ كېتىدۇ . شۇڭا مىسكەرلىكتە ئەپچىللىك ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ .
    مېتال ياخشى ئېرىگەندىن كېيىن ، ياسىماقچى بولغان سايماننىڭ ھەر بىر بۆلەكلىرىگە كېتىدىغان ماتېرىيالى پارچىلىنىپ ئايرىم سوقىلىدۇ . مەسىلەن ، ئاپتۇۋا ، چۆگۈنلەرنىڭ چەپچىكى ، قورساق ، جوغا ، تۇتقا ، كاناي ، قاپقاق ، تاج قاتارلىق بۆلەكلىرى ئۆلچەملىك ياسىلىپ بولغاندىن كېيىن ، كەپشەرلىنىپ بىر – بىرىگە كىرىشتۈرۈلىدۇ . ئاندىن قىزىل بولسا قىزىل قۇم ، ئاق بولسا ئاق قۇم سۈرۈپ پەرداز بېرىدۇ . 
   تۇچ سايمانلارغا بولسا قىزىل قۇمغا زەنجىۋىل ئارىلاشتۇرۇپ سۈرۈلىدۇ . بۇنىڭ ئۈچۈن تۇچ سېرىق ۋە قىزىل رەڭ ئالىدۇ . ئاندىن كىگىز سۈرۈپ سىلغايتىدۇ . نەتىجىدە تۇچ ئالتۇن رەڭگە كىرىدۇ . مىسكەرلىكتە ، چاق ئېكەكتە ئۇۋالغان قىرىندىلارمۇ ئىسراپ قىلىنمايدۇ . ئۇنى يىغىپ ، ئېرىتىپ يەنە ئىشلىتىدۇ . مىسكەرچىلىك قەشقەر شەھىرىدە ناھايىتى تەرەققىي تاپقان .



( مۇھەررىر : قەيـسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ