باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>مەدەنىيەت>>مەدەنىيەت ئىزنالىرى
بۈگۈر ناھىيىسىدىكى زوركۆت قەدىمكى شەھىرى
2008- 07- 29 10:44 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى

      بۇ قەدىمكى شەھەر بۈگۈر ناھىيە بازىرىدىن تەخمىنەن 25 كىلومېتىر شەرقىي جەنۇبى يىراقلىقتىكى چۆللۈككە جايلاشقان ، بۇ جاينىڭ يەر تۈزۈلۈشى تۈزلەڭ بولۇپ ، دىنار دەرياسىنىڭ تارمىقى بولغان قىزىل ئېقىننىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى تاشقىن رايونىغا تەۋە . بۇ يەردە يۇلغۇن ۋە شورلۇقتا ئۆسىدىغان چاتقال ئۆسۈملۈكلەر ناھايىتى كۆپ .

       قەدىمكى شەھەرنىڭ ھەقىقى ئۆلچەنگەن تەكشى يۈزى سەل رەتسىز يۇمۇلاق شەكىلدە بولۇپ ، ئايلانمىسى تەخمىنەن 1 مىڭ 250 مېتىرغا ، ئىگىلىگەن ئومۇمىي كۆلىمى 100 مىڭ كۋادرات مېتىرغا يېتىدۇ . شەھەر سېپىلى توپىدىن سوقۇلغان بولۇپ ، ئۇلىنىڭ كەڭلىكى تەخمىنەن 6 مېتىر ، قالدۇق ئېگىزلىكى 3 – 4 مېتىر كېلىدۇ . سېپىلنىڭ شەرقىي تەرىپىدە قالدۇق ئېگىزلىكى تەخمىنەن 9 مېتىر كىلىدىغان بىر ئىگىز سۇپا بار ، ئۇ قەدىمكى شەھەرنىڭ ساقلىنىپ قالغان ئەڭ ئېگىز يېرى ھىساپلىنىدۇ . شەھەر ئىچىنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدا بىر  ئىگىز سۇپا خارابىسى بار ،  ئۇنىڭ ئايلانمىسى تەخمىنەن 70 مېتىر ، قالدۇق ئىگىزلىكى تەخمىنەن 4 مېتىر كىلىدۇ . سۇپا ئۈستىدە قۇرۇلۇش خارابىلىرى ۋە ياد نامىلەر ساقلىنىپ قالغان . قەدىمكى شەھەر سېپىلىنىڭ شەرقىي شىمال ۋە غەربىي جەنۇپ بۇرجەكلىرىدە شورا بار ، شەرقىي شىمال بۇرجىكىدىكى شورىنى يېقىنقى زامان كىشىلىرى ئۆستەڭ چاپقاندا ئاچقاندەك قىلىدۇ ، غەربىي جەنۇپ بۇرجىكىدىكى شورا شەھەر دەرۋازىسى بولۇشى مۇمكىن . شەھەر دەرۋازىسىنىڭ كەڭلىكى تەخمىنەن 10 مېتىر كىلىدۇ . شەھەر دەرۋازىسىنىڭ سىرتىدا تەخمىنەن 100 مېتىر كىلىدىغان ئورۇندا توپىدىن ياسالغان بىر ئىگىز سۇپىلىق قۇرۇلۇش بار ، ئۇنىڭ قالدۇق ئىگىزلىكى تەخمىنەن 6 مېتىر ، ئايلانمىسى تەخمىنەن 40 مېتىر كىلىدۇ . قەدىمكى شەھەرنىڭ شەرقىي تەرىپىگە تەخمىنەن 200 مېتىر كىلىدىغان جايدا يەنە بىر توپىدىن ياسالغان سەل تۆت چاسا شەكىللىك ئىگىز سۇپىلىق قۇرۇلۇش بولۇپ ، ئۇنىڭ قالدۇق ئىگىزلىكى تەخمىنەن 4 مېتىر ، ئايلانمىسى تەخمىنەن 60 مېتىر كىلىدۇ . سۇپا ئۈستىدە ئولتۇراق ئۆيلەرنىڭ خارابىلىرى ساقلىنىپ قالغان ، بۇ قەدىمكى شەھەردىن قولدا قوپالراق ئىشلەنگەن ساپال قاچىلارنىڭ پارچىلىرى قېزىۋېلىنغان . قاچىلارنىڭ شەكلىدىن قارىغاندا ، قازان ، ئىدىشقا ئوخشاش تاماق ئېتىش ياكى تاماق ئۇسۇش سايمانلىرى بولۇشى مۇمكىن .

     مىنگونىڭ 17– يىلى يەنى 1928– يىلى خۇاڭ ۋېنبېي دىگەن كىشى بۇ يەرگە كىلىپ تەكشۈرگەندە ، شەھەر ئىچىدىن ئارپا پوستى ، رەڭلىك ساپال پارچىلىرى ، تۆمۈر ئوقيا ئۇچى قاتارلىقلارنى تاپقان ۋە بۇ قەدىمكى شەھەر مىلادىنىڭ ئالدى – كەينىدە بەرپا قىلىنغان ، بۇ شەھەردە غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش چېرىكچىسى تۇرغان ، دەپ قارىغان . زوركۆت ئەسلىدە زوركۆل دىگەن مەنىدىكى تۈركچە سۆز بولۇشى مۇمكىن . بۈگۈنكى زوركۆت خارابىسىنىڭ شىمالىدا خەن دەۋرىدىكى قۇمۇشلۇق كۆلنىڭ ئىزى بار .   

( مۇھەررىر : قەيـسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ