باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>مەدەنىيەت>>مەدەنىيەت – سەنئەت
خوتەن قاشتېشى ھەققىدە ئىككى كەلىمە
2008- 07- 25 17:59 شىنجاڭ گېزىتى

   قەدىمىي شەھەر خوتەن تىلغا ئېلىنسا، گىلەم، ئەتلەسلەردەن بۇرۇن ئالاھىدە، بىباھا گۆھەر  خوتەن قاشتېشى كۆز ئالدىمىزغا كېلىدۇ. خوتەن قاشتېشىنىڭ داڭقى ئىلىمىزنىڭ شاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىلا ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ خېلى كۆپ جايلىرىغا تارقالغان. جاڭ چەن غەربىي دىيارغا سەپەر قىلىشتىن 2000يىل ئىلگىرى قاشتېشى سودىگەرلىرى ئەينى ۋاقىتتىكى ئىلىمىزنىڭ داڭلىق سودا شەھىرى لوياڭغىچە  بېرىپ، خوتەن قاشتېشى سودىسى بىلەن شۇغۇللانغان ۋە خوتەندىن لوياڭغىچە بولغان مەشھۇر خوتەن قاشتېشى سودا كارۋان يولىنى ئاچقان.

   خوتەن قاشتېشى ھەققىدىكى خاتىرە ۋە تەزكىرىلەر كۆپ بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە ھەممىدىن بۇرۇن يېزىلغان ‹‹تارىخىي خاتىرىلەر›› دېگەن تەزكىرىدە ‹‹ئۇدۇننىڭ غەربىدىكى دەريا غەربكە، شەرقىدىكى دەريا شەرققە ئاقىدۇ، ئايىغى لوپنۇر كۆلىگە قۇيۇلىدۇ، بۇ دەريالاردىن ئېسىل قاشتېشى كۆپ چىقىدۇ›› دەپ خاتىرىلەنگەن.

   يەنە ‹‹يىڭى خەننامە. غەربىي يۇرت تەزكىرىسى››دە ‹‹ئۇدۇننىڭ دەريالىرىدىن بىباھا گۆھەر  قاشتېشى كۆپ چىقىدۇ. كىشىلەر ئايدىڭدىمۇ پارقىرىغان جايدىن قاشتېشى تاپالايدۇ›› دەپ خاتىرە قالدۇرۇلغان. جىن پادىشاھلىقىدىكى جاڭ گۇاڭيىلارنىڭ سەپەرنامىسىدە مۇنداق خاتىرىلەنگەن:‹‹ئۇدۇندا ئۈچ دەريا بار، شەرقتە ئاق قاشتېشى دەرياسى، غەربتە كۆك قاشتېشى دەرياسى، ئۇنىڭ غەربىدىكى دەريا قارا قاشتېشى دەرياسى بولۇپ، ھەممىسىدىن چىقىدىغان قاشتېشى سۈزۈكلۈكى ۋە سۈپىتىنىڭ يۇقىرىلىقى بىلەن داڭلىق. بۇ ئۈچ دەريا قاراقۇرۇمدىن باشلىنىدۇ، كەلكۈن سۈيى ئازايغان كۈز پەسلىدە، كىشىلەر بۇ دەريالاردىن قاشتېشى سۈزىدۇ.››

   تاڭ دەۋرىگە كەلگەندە خوتەن قاشتېشىنى قېزىش ۋە قاشتېشى ئويمىچىلىقى ئالاھىدە روناق تاپقان. يەنە تارىخشۇناس مىرزا ھەيدەر ‹‹ئۇدۇندا ئىككى دەريا بولۇپ، قاراقاش دەرياسى ۋە يۇرۇڭقاش دەرياسى، دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ ئىككى دەريادىن دۇنيادا ئەڭ ئاز تېپىلىدىغان ئېسىل قاشتېشى چىقىدۇ›› دەپ خاتىرىلىگەن. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن ئۇيغۇر شائىرى ما زۇچاڭ ‹‹ئۇدۇننىڭ دەريا ياقىلىرىدا قاشتېشى سۈزۈلىدۇ، بۇ سۈزۈك قاشتاشلىرى شەرقنىڭ يىپەكلىرىگە تېگىشىلىدۇ›› دەپ خاتىرە قالدۇرغان...

   خوتەن قاشتېشى جۇلالىق، سۈزۈك، نەپىس، سىرلىق بولۇپ، ھەرقانداق كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ. ئالتۇن ئىقتىسادىي قىممەتنىڭ سىمۋولى بولغاندەك، خوتەن قاشتېشى بىباھالىقى، خىسلىتىنىڭ چەكسىزلىكى، ساغلاملىققا بولغان شىپالىق رولى بىلەن ئامان –  ئېسەن، بەختلىك تۇرمۇشنىڭ يارقىن سىماسى بولۇپ كەلمەكتە.

   خوتەن قاشتېشىنىڭ راست – ساختىلىقى ۋە سۈپىتىنىڭ يۇقىرى – تۆۋەنلىكىنى ئايرىشتا، ھەجىمى چوڭ بولۇش، زىچلىقى چىڭ ۋە قاتتىق، سۈزۈك، پارقىراق بولۇش، داغ ، دەز، كەمتۈك ۋە ئارىسىدا يېرىقى بولماسلىق تەرەپلىرى ئۆلچەم قىلىنىدۇ. ئاق قاشتېشىنىڭ چىلان رەڭ قارا چاپىنى(خالى) بارى تولىمۇ ئەتىۋارلىق. ئادەتتە سېرىق رەڭلىك قاشتېشى ئەڭ قىس بولۇپ، ئۇ بىرىنچى دەرىجىلىك ئاق قاشتېشىدىنمۇ ئەتىۋاردۇر.


( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ