|
شايار ناھىيە قىزىلبايراق بازىرى تاللىققوتان كەنت كومىتېتى ھويلىسىدا ‹‹خاسىيەتلىك ئاقتېرەك›› دەپ تەرىپلىنىپ كېلىۋاتقان 250 يىللىق تارىخقا ئىگە بىر تۈپ ئاقتېرەك بار. بۇ تېرەكنىڭ غول ئايلانمىسى 9.40 مېتىر، ئېگىزلىكى 25 مېتىر. تېرەكنىڭ 15 مېتىر نېرىسىدا يىلتىزىدىن كۆكلەپ چىققان ئىككى تۈپ ‹‹بالا تېرەك›› بار، ئۇنىڭ يەنە ئون مېتىر نېرىسىدا بىر قانچە تۈپ ‹‹نەۋرە تېرەك›› بار. تاللىققوتان كەنتى بۇ تېرەكنى قوغداش ئۈچۈن تېرەكنى مەخسۇس رېشاتكا ئىچىگە ئېلىپ پەرۋىش قىلىۋاتىدۇ.
يېقىندا ناھىيىلىك مەدەنىيەت – تەنتەربىيە، رادىئو – تېلېۋىزىيە ئىدارىسى ۋە ئورمانچىلىق تارماقلىرى بۇ تېرەكنى مەخسۇس قوغدىلىدىغان قەدىمىي ئاقتېرەك قاتارىدا ئەنگە ئالدى.
|