|

خۇشتار — ئۇيغۇرلارنىڭ كامانچە بىلەن چالىدىغان چالغۇ ئەسۋابى . جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ماتېرىيالىغا ئاساسەن ، شۇنداقلا قەدىمكى زاماندىكى چالغۇ ئەسۋابى — ئەشتاردىن پايدىلىنىش ئارقىلىق تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقلغان . خۇشتارنىڭ بېشى ئامۇت شەكلىدە بولۇپ ، بوغۇزى قىسقا بولىدۇ . تۆت تال مېتال تارىسى يەنە يەتتە تال ئۈنلەش تارىسى بار . خۇشتار چالغۇچى خۇشتارنىڭ دەستىسىنى سول قولىدا تۇتۇپ ، خۇشتارنى سول تىزىغا قويۇپ ، ئوڭ قولىدا كامانچىنى تۇتۇپ تارتىپ چالىدۇ . خۇشتارنىڭ ئاۋازى ئىنچىكە ، زىل ، يېقىملىق بولۇپ ، ئىپادىلەش كۈچىگە باي ، خەلق ناخشا ئاھاڭلىرىنى چېلىشقا باب كېلىدۇ .
ئۇ، قەدىمكى غېجەك ئاساسىدا تەرەققىي قىلدۇرۇلغان چالغۇ بولۇپ ھېساپلىنىدۇ . ئۇ ئۆزىنىڭ كۆركەم شەكلى ۋە يېقىملىق ئاۋازى بىلەن ئۇيغۇر مۇزىكا ئوركېستىرىدىن ئورۇن ئېلىپ ، تاماشىبىنلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلىۋاتقان بىر خىل چالغۇ . ئۇنىڭ دەستىسى ئۇستىگە قۇشنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن ، ئاساسىي گەۋدىسى چاپلىما راۋابقا ئوخشاش ياغاچ تارشىلىرىدىن چاپلىنىپ ياسىلىدۇ ، بويى تەخمىنەن 50 سانتىمېتىر بولۇپ ، تار تاختىسى ۋە تارلىرىنىڭ ئورۇنلىشىشى ھازىرقى زامان غېجىكىگە ئوخشايدۇ . چېلىش ئۇسۇلى غىجەك بىلەن ئوخشاش . ئۇنىڭ ئاۋازى سۈزۈك ۋە جاراڭلىق كېلىدۇ .
|