باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>مەدەنىيەت>>سەنئەت>>چالغۇ–ئەسۋابلار
ساتار
2008- 07- 21 14:58 تەڭرىتاغ تورى

      ساتار—ئۇيغۇرلارنىڭ كامانچە بىلەن چالىدىغان چالغۇ ئەسۋابى بولۇپ ، ئۇ كۆپىنچە ئۈجمە ياغىچىدىن ياسىلىدۇ . بېشى چوڭراق چۆمۈچ شەكىلىدە ياسىلىپ ، يۈزلۈكى نېپىز ياغاچتىن قىلىنىدۇ . دەستىكى ئىنچىكە ، ئۇزۇن ، پەدە تاختىسى كەڭرەك بولۇپ ، سەككىز پەدە باغلىنىدۇ . يۈزلۈكىگە يەنە بامبۇكتىن بەش تال ، يۇقىرى ئاۋازلىق پەدە ئورنى چاپلىنىدۇ ، بۇ پەدىلەر 12تەڭلىمە قانۇنىيتى بويىچە تىزىلغان بولىدۇ . بىر تال مېتال سىم ئاساسىي تار قىلىنىدۇ ، يەنە توققۇزدىن 13 تالغىچە ئۈنلەش ( ئەكىس سادا قايتۇرۇش ) تارىسى بېكىتىلىدۇ . ئات قىلىدىن ياسالغان كامانچە بىلەن چېلىنىدۇ . ساتار چېلىشتا دەستە قول بىلەن تۇتۇلۇپ ، رەدە بىگىز بارماق ، ئوتتۇرا بارماقتا بېسىلىدۇ . كامانچىنى ئوڭ قولدا تۇتۇش تارتىش ئارقىلىق ئاۋاز چىقىرىلىدۇ ، كامانچە ئاساسىي تارىغىلا سۈركىلىدۇ . ئۈنلەش تارىلىرىغا تەگمەيدۇ . ئۈنلەش تارىسى ئەكىس سادا قايتۇرۇپ ئاۋازنى كۈچەيتىش ۋە بېزەش رولىنى ئوينايدۇ . ساتارنىڭ ئاۋازى زىل ، جاراڭلىق ، تولۇق چىقىدۇ . ساتار كۆپىنچە ئەل ئىچىدىكى ئويۇن قويۇش پائالىيەتلىرىدە ناخشىغا تەڭكەش قىلىنىدۇ ، شۇنداقلا 12 مۇقامنىڭ ئاساسلىق چالغۇ ئەسۋابى ھېسابلىنىدۇ . ساتار چالغۇچى ناخشىنى ئۆزى ئېيتىدۇ . 

 

( مۇھەررىر : قەيـسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ