|
شايار ناھىيىلىك مەدەنىي مىراسلارنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى يېقىندا، ئىلغار تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىلىرى ئارقىلىق، ناھىيە تەۋەسىدىكى قەدىمكى مەدەنىي يادىكارلىقلارنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈردى. ھازىر بۇ ناھىيىدە ئېنىقلانغان ئومۇمىي مەدەنىي مىراسلار نۇقتىسى 38 گە، بۇنىڭ ئىچىدە يۆتكىگىلى بولمايدىغان مەدەنىي مىراس 24 كە، يوقالغان مەدەنىي مىراس 14 كە، يېڭىدىن بايقالغان مەدەنىي مىراس نۇقتىسى ئونغا يەتتى. بۇلاردىن يۆتكىگىلى بولمايدىغان قەدىمكى شەھەر ئىزىدىن ئالتىسى، قەدىمكى قەبرىدىن بەشى ۋە باشقا قەدىمىي ئىزلاردىن ئالتىسى بار.
|