|
يېقىندا ئاپتونوم رايونىمىزدىن يەنە 41 تۈر دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى بولۇپ تاللاندى. بۇنىڭ ئىچىدە ئاقسۇ شەھىرى ئىلتىماس قىلغان ‹‹چۆرىقۇم مەشرىپى›› مۇ بار.
‹‹چۆرىقۇم مەشرىپى›› ئاقسۇ شەھىرىنىڭ قاراتال بازىرى چۆرىقۇم كەنتى ۋە قەدىمىي ئايماق كەنتىدە ساقلىنىپ قالغان، قويۇق يەرلىك ئالاھىدىلىك ۋە ئۆزگىچە ئورۇنلاش ئۇسلۇبىغا ئىگە مەشرەپ بولۇپ، 400 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە. بۇ يىل ئاقسۇ شەھىرى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش خىزمەت سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يېزا – بازار، مەيدانلاردا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قېزىش، رەتلەش، قوغداش خىزمىتىنى كۈچەيتتى. نۆۋەتتە، ئاقسۇ شەھىرى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئىلتىماس قىلىش خىزمىتىنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ ئىشلىمەكتە.
|