|

ئاپتونوم رايونىمىزدا بازار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ، شايارنىڭ قولدا ئىشلەنگەن كىچىك پىچىقى ، كۆپلىگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشمەكتە . نۆۋەتتە ، يەرلىك دېھقانلار قولىدىكى گۈلدەك ھۆنىرىنى ئىشقا سېلىپ ، پىچاق ئىشلەشكە كىرىشىپ كەتتى . پىچاق ياساش شايار ناھىيىسىنىڭ كۆلەملەشكەن ، ماركىلىشىشقا قاراپ ماڭغان بېيىش ئىگىلىكنىڭ بىرى بولۇپ قالدى .
شايار ناھىيىسى يېڭى مەھەللە بازىرى ئاق دۆڭ كەنتى نامى چىققان ‹‹كىچىك پىچاق يۇرتى›› دۇر ، كەنتتىكى %60 كە يېقىن ئائىلە پىچاق ياساش بىلەن شوغۇللىنىدۇ ، پۈتۈن كەنتتە پىچاق ياسايدىغان ئاھالىدىن 500 ى بار . شايار ناھىيىسىنىڭ نامى چىققان ‹‹ئۈچ يۇلتۇز››،‹‹ئىگەرچى››،‹‹لوقمان››ۋە‹‹تاشخان››قاتارلىق ماركىلىق پىچاقلىرىنىڭ ھەممىسى بۇ كەنتنىڭ مەھسۇلاتلىرى . شايار ناھىيىسىنىڭ توققۇز ماركىسى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ ، بىرلىكتە ‹‹شايار پىچىقى›› ماركىسىنى ياسىدى .
لوقمان مەنسۇر مۇنداق دېدى : ھازىر ، ‹‹ لوقمان››ماركىلىق پىچاقنى 20 گە يېقىن ئادەم ئىشلەيدۇ ، مەن پىچاق سېتىش ۋە پىچاق ماتېرىيالى سېتىۋېلىشقا مەسئۇل ، قالغان ئادەملەر پىچاق ئىشلەپچىقىرىشقا مەسئۇل . ھازىر مۇشۇنداقلا ئىشلىسەك يىلىغا ھەر بىر ئادەم 7000يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلالايدىكەن . كۆپچىلىك بىرلىكتە ھەمكارلاشساق ، ئۆزىمىزنىڭ ماركىسىنى تۈزەپلا قالماي ، پىچاقدىن كىرگەن كىرىمىنىمۇ ، بىر ئائىلە يىللىق كىرىمىنىڭ يېرىمىغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ .
نۆۋەتتە ، شايار پىچىقى شايار ناھىيىسىنىڭ نۇقتىلىق ئىشلەپ چىقىرىش نىشانى بولۇپ قالدى ، پىچاق شايار ناھىيىسىنىڭ ئىقتىسادىغا زور پايدا ئېلىپ كەلدى ، شايار ناھىيىسىدىكى دېھقانلار ، شايار پىچىقىدىن يىلىغا 1مىليون يۈەن كىرىم قىلىدۇ . نۆۋەتتە ، شايار ناھىيىسىدە پىچاقچىلىق جەمئىيىتى قۇرۇلدى ، بىز ئاق دۆڭ كەنتىنىڭ پىچاق ھۈنىرىنى تېخىمۇ كۆپ دېھقانلارغا يەتكۈزۈپ ، تېخىمۇ كۆپ ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.



|