|

جاڭ جىپىڭ يېڭى ئويۇپ پۈتكۈزگەن ‹‹ شەپقەتچى بۇدساتۋا بالىلار ئارىسىدا ››ناملىق ئاق قاشتېشى ئەسىرىنى تونۇشتۇرماقتا
يېقىندا ، جۇڭگونىڭ ئاتاقلىق قول ھۈنەر سەنئەت پېشۋاسى جاڭ جىپىڭ ئەپەندىنىڭ شىنجاڭنىڭ باياۋان ئاق قاشتېشىدىن ئويۇپ ياسىغان ‹‹ شەپقەتچى بۇدىساتۋا بالىلار ئارىسىدا ›› ناملىق قول ھۈنەر ئەسىرى پۈتتى . جاڭ جىپىڭ ئەپەندى بۇ ئەسەرنى بىر يىلغا يېقىن ۋاقىت سەرپ قىلىپ ، 1700گىرام ئېغىرلىقتىكى شىنجاڭنىڭ باياۋان ئاق قاشتېشىنى ماتېرىيال قىلىپ ، ئىخلاس بىلەن ئەجىر سىڭدۈرۈپ ئويۇپ چىققان بولۇپ ، قاشتېشىغا ئويۇلغان كىچىك بالىلار ، بۇدىساتۋا ، نىلۇپەر گۈلى ، جىرا سۇلىرى ، قىسقۇچپاقا ۋە كارپ بېلىقى قاتارلىقلار ئاساسىي تېمىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرگەن .

|