|
ئارخېئولوگلار دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي رايونىدىكى تەڭرىتاغ يايلاقلىرىدا ئۈزلۈكسىز ھالدا يېڭىلىقلارنى بايقاپ ، چوڭ تىپتىكى تاش قەبرىلەر ، قىيا تاش سىزمىلىرى ، يايلاق تاش ئادىمى قاتارلىقلارنى تاپتى ۋە ئەمدىلا دالا تەكشۈرۈشى باسقۇچىغا قەدەم قويغان 3–قېتىملىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش پائالىيىتىنى مول نەتىجىلەرگە ئېرىشتۈردى .
دالا تەكشۈرۈش خىزمىتى تۇنجى قېتىم بۆرتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدا قانات يايدۇرۇلغان بولۇپ ، پائالىيەت داۋامىدا سايرام كۆلى بويى ھەمدە تەڭرىتاغ جىلغىسىدا چوڭ تىپتىكى كوللېكتىپ قەبرە خارابىلىكلىرى ، چوڭ تىپتىكى تاش دۆۋىلىرى ، تاش قەبرە ھەمدە يايلاق تاش ئادىمى ، قىيا تاش قاتارلىقلار بايقالغان . بۆرتالادىكى دالا تەكشۈرۈش خىزمىتىگە قاتناشقان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنىدىكى پروفېسسور جاڭ تيېنەننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، بۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرى تۇنجى قېتىملىق بايقىلىش بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن .
بۆرتالادىكى دالا تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا ئەگىشىپ ، ئىلى دەريا ۋادىسىدىمۇ ئىيۇلنىڭ باشلىرىدا 3–قېتىملىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش پائالىيىتى باشلانغان . نۆۋەتتە ، پۈتۈن شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان ۋە تىزىمغا ئالدۇرۇلغان مەدەنىي يادىكارلىقلارنى قوغداش نۇقتىسىدىن 3000 دىن ئارتۇقى بار بولۇپ ، دۆلەت دەرىجىلىك مەدەنىي يادىكارلىقلارنى قوغداش ئورنىدىن 58 ى ، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىي يادىكارلىقلارنى قوغداش ئورنىدىن 375 ى بار ئىكەن .
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىي يادىكارلىقلار ئىدارىسىدىكى ئالاقىدار خادىمىنىڭ ئېيتىشىچە ، ئالدىنقى ئىككى قېتىملىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى تەكشۈرۈش پائالىيىتىگە ئوخشىمايدىغىنى ، بۇ قېتىم دېھقانچىلىق ، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى قەدىمىي ئىمارەتلەر ، نېفىت قۇدۇقى ، سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى قاتارلىق سانائەت مىراسلىرى ، يىپەك يولى مەدەنىيەت لىنىيىسى ھەمدە بىر قىسىم مەدەنىيەت لاندشافتى قاتارلىق تۈرلەرمۇ تەكشۈرۈش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلۈپتۇ .
|