باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>مەدەنىيەت>>مەدەنىيەت – سەنئەت
‹‹جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتى سانلىق مەلۇمات ئامبىرى» غا كىرگۈزۈلىدىغان ماتېرىيالنى تەكشۈرۈش خىزمىتى باشلاندى
2008- 07- 14 09:51 تەڭرىتاغ تورى

      ئۆز مۇخبىرىمىز ئەسەت بارات خەۋىرى : ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى ۋە مەركىزىي مۇزىكا ئىنىستىتۇتى ھەمكارلىشىپ قۇرغان «جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتى سانلىق مەلۇمات ئامبىرى» بولسا ، ئىنسانىيەتنىڭ ئاغزاكى ۋە غەيرىي ماددىي مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى بولغان «جوڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتى» نى قۇتقۇزۇشتىكى 10 يىللىق پىلاننىڭ مۇھىم تەدبىرى بولۇپ ، ئۇيغۇر مۇقاملىرىنى ئومۇميۈزلۈك قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

      «جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتى سانلىق مەلۇمات ئامبىرى» نى تۈزۈش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلوق مەدەنىيەت نازارىتى ۋە مەركىزىي مۇزىكا ئىنىستىتۇتى كېلىشىش ئارقىلىق مەركىزىي مۇزىكا ئىنىستىتۇتى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەردىن تەركىب تاپقان «جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتى سانلىق مەلۇمات ئامبىرى» تەھرىر بۆلۈمىنى قۇرۇشنى قارار قىلدى. تەھرىر بۆلۈمىدىكى بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر 2008– يىل 7– ئاينىڭ 19– كۈنىدىن 9– ئاينىڭ 4– كۈنىگىچە شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ، تۇرپان، قۇمۇل قاتارلىق ۋىلايەتلەر ۋە ئىلى دەريا ۋادىسى ، ئاتۇش شەھىرى، ئاقتۇ ناھىيىسىدە دالا تەكشۈرۈش خىزمىتى ئېلىپ بارىدۇ. بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى– سانلىق مەلۇمات ئامبىرىغا كىرگۈزۈلىدىغان كىشىلەر ۋە ئەل ئىچى سەنئەت گۇرۇپپىلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللار ۋە چالغۇلارنىڭ ماتېرىيالى، ئۇنى ياساش جەريانى، چېلىش ماھارىتى، ئىشلىتىلىدىغان سورۇنلار شۇنداقلا ئۇنىۋېرسال سورۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ