باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>مەدەنىيەت>>ئەنئەنە>>ئۆرىپ–ئادەت
ياغاچ قىرمىچىلىقى
2008- 07- 11 11:09 شىنجاڭ گېزىتى

     قىرمىچىلىق خەلقىمىزنىڭ ئۆزىگە خاس ھۈنەر–سەنئىتىنىڭ بىر تۈرى بولۇپ،ئۇزاق تارىخقا ئىگە.

     خەلقىمىزنىڭ قىرمىچىلىقى ئاساسەن قوشۇق ، قەدەھ، ، خونچا ئاياق (ياغاچ لىگەن)، ئاياق ، چۆمۈچ ، كاساڭ ، تەڭنە ، چاق ، يىك ، سۈرگۈچ ، پوزا ، دۈشە ، نوغۇچ ، سوغا ، مۇشىت ،(پاختا ئاتىدىغان)،ھاۋانچا ، ھويلا –ئىمارەت ۋادەكلىرى قاتارلىقلارنى ئاساس قىلغان بولۇپ ، بۇرۇنلا شۆھرەت قازانغىنى قوشۇقچىلىق سەنئىتى.

      خەلقىمىز بۇ خىل ھۈنەر–سەنئەتنى ئەۋلادتىن ئەۋلاتقا كەسىپ قىلغان.

     قىرمىچىلىق كۆپ خىل بولۇپ ، ھەرقايسىسىنىڭ ئۆزىگە خاس تېخنىكا تەلىپى ، كېرەكلىك ياغاچ ماتېرىيالى ، ئىشلىتىش ئالاھىدىلىكى بار . كاساڭ ، ئاياق ، تەڭنە خاس ھاڭگا تېرەكنىڭ غولى توم ھەم قاتتىق بولغاچقا ، ئۇنىڭدىن ياسالغان بۇيۇملارنىڭ چىدامچانلىقى يۇقىرى بولۇپ ، ئىككى –ئۈچ ئەۋلادقا مىراس قالدۇرۇپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ . سوغا ، دۈشە ، چۈمۈچ قاتارلىقلار ئادەتتىكى تېرەك ياغىچىدىن ياسىلىدۇ . سۆگەت ، ئۈجمە ، ياڭاق ، توغراق ، ئۈرۈك ياغىچىدىنمۇ بۇ خىل بۇيۇملارنى ياساشقا بولىدۇ . مۇشت مەخسۇس چىلان ياغىچىدىن ياسىلىدۇ . ئاياق ئادەتتە چىنە رولىنى ئوينايدۇ . چۈمۈچ ئاش – تائام ئۇسۇشقا ، كاساڭ خېمىر يۇغۇرۇشقا ،بەزى چوڭ تەڭنە كىر يۇيۇشقا ، مۇشت كىگىزچى ، پاختىچى ئۇستىلارنىڭ يۇڭ ، پاختا ئېتىشىغا (زەيگە ئۇرۇشقا)ئىشلىتىلىدۇ . يىكنى مەخسۇس يۇلغۇن شېخىدىن ياسايدۇ . يىك ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ ، ئىنسانلار پاختىدىن يىپ چىقىرىپ ئاددىي ماتا توقۇشنى باشلاش بىلەنلا چاق بىلەن يىك ياسالغان .

     خەلقىمىزنىڭ قوشۇمچىلىق سەنئىتى خاس شىنجاڭنىڭ ئۆزىدىلا ئەمەس ، مەملىكەت ئىچى ۋە چەت ئەلگىمۇ داڭلىقتۇر . تارىختىن ھازىرغىچە چەت ئەللەرگە تۇغقان يوقلاشقا بارغان كىشىلەر ياغاچ قوشۇقنى قىممەتلىك سوۋغات سۈپىتىدە سوۋغا قىلىشىدۇ. 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ