باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>مەدەنىيەت>>مەدەنىيەت – سەنئەت
يېڭىساردا سەگەز بۇيۇملىرى قول ھۈنەرۋەنچىلىكى ئىز باسارغا ‹‹ئىگە بولدى››
2008- 07- 11 09:47 تەڭرىتاغ تورى

   تەكىلىپىلىك مۇخبىرىمىز ھۆسىيىن مەمىتىمىن، ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابلىمىت يۈسۈپلەرخەۋەرقىلىدۇ:   ئۆيگە زەدىۋال تۇتۇش – ئۇيغۇرلاردا ئومۇملاشقان بولۇپ، نەچىچەمىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە. سانائەتنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، خەلقىمىز ئەقىل – پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى بولغان ياغاچ قېلىپتا ،رەختكە گۈل بېسىش ئارقىلىق ئىشلىنىدىغان سەگەز ھەمدە زەدىۋالچىلىق، گىلەمچىلىك ۋە گۈللۈك داستىخان ئىشلەش قاتارلىق مىللىي قول ھۈنەرۋەنچىلىك سەنئىتى نۆۋەتتەيوقىلىش گىرداۋبىغابېرىپ قالغانىدى.

 مىللىتىمىزنىڭ بۇ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت مىراسىنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ئۈچۈن، يېڭىسار ناھىيىسى بۇ تۈرگە مالىيىدىن مەخسۇس مەبلەغ ئاجراتتى.مۇناسىۋەتىلىك تارماقلارنىڭ يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشى نەتىجىسىدە، ناھىيىلىك مەدەنيەت يۇرتىنىڭ گۈزەل سەنئەت خادىمى غوجى ھاشىم 2006–يىلدىن بۇيان، خەلق ئارىسىدا ساقلىنىپ قالغان گۈل بېسىشقا ئىشلتىلدىغان ياغاچ قېلىپلارنى يىغىپ، بوياقچىلىق ھۈنەر–سەنئىتىنى ئۈگەندى. جەنۇبىي شىنجاڭ بازارلىرىنى تەكشۈرۈپ ۋە پېشقەدەم بوياقچىلارنى زىيارەت قىلىپ، ئوخشاش بولمىغان نۇسخىدىكى 200 خىلدىن ئارتۇق ياغاچ قېلپىنى يىغدى ۋە ياسىدى. ئۇ كۆڭۈل قويۇپ ئىشلەپ چىققان سەگەز زەدىۋل، تام گىلىمى، داستخان قاتارلىق قول ھۈنەر – سەنئەت بۇيۇملىرى بۇلتۇر ئۈرۈمچىدە ئوتكۈزۈلگەن مىللىي قول ھۈنەر – سەنئىتى بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسىگە قويۇلۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن مۇكاپاتلاندى ھەمدە مەملكەتلىك ئازسانلىق مىللەتلەر ئۆرپ – ئادەتلىرى كۆرگەزمىسىگە قاتناشتۇرۇش ئۈچۈن تاللاندى. غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ۋە ئاسار  – ئەتىقىلەرنى قوغداش ئۈچۈن، يېقىندا بۇ ناھىيە، سەگەز بۇيۇملىرى قول ھۈنەر – سەنئىتىنى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ۋە ئاسار ئەتىقە تۈرى قىلىپ بېكىتىپ، ئاپتونۇم رايونغا ئىلتىماس سۇنۇپ تەستىقىلاتتى.

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ