باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>مەدەنىيەت>>مەدەنىيەت – سەنئەت
شامىل شاكىر ‹‹جۇڭگودىكى ئون چوڭ كۆزگە كۆرۈنگەن پىدائىي››شەرىپىگە ئېرىشتى
2008- 07- 10 10:11 تەڭرىتاغ تورى

      7–ئىيۇل، ئىتتىپاق مەركىزىي كومىتېتى ۋە جۇڭگو ياش پىدائىيلار جەمئىيتى ئۇيۇشتۇرغان 7–نۆۋەتلىك ‹‹جۇڭگودىكى ئون چوڭ كۆزگە كۆرۈنگەن پىدائىي››نى تاللاشنىڭ نەتىجىسى بېيجىڭدا ئېلان قىلىندى . ئاتاقلىق ناخشىچى ، شىنجاڭ ھەربىي رايون سىياسىي بۆلۈم سەنئەت ئۆمىكىنىڭ دۆلەتلىك بىرىنچى دەرىجىلىك ئارتىسى ، شىنجاڭ ياش پىدائىيلار جەمئىيتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ، شىنجاڭدىكى ياش پىدائىيلارنىڭ تۇنجى ئوبراز ئەلچىسى شامىل شاكىر بۇ شەرەپكە نائىل بولدى .

     2007–يىلى 12–ئايدا ، جۇڭگو كومونىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى ، مەملىكەتلىك ياش پىدائىيلار جەمئىيتى مەملىكەت بويىچە 7–نۆۋەتلىك ‹‹جۇڭگودىكى ئون چوڭ كۆزگە كۆرۈنگەن پىدائىي››نى تاللاش ، مۇكاپاتلاش پائالىيتىنى ئۇيۇشتۇردى . بۇ پائالىيەت قانات يايدۇرۇلغان يېرىم يىلدىن بۇيان ، ئىلتىماس قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىش ، دەسلەپكى قەدەمدە باھالاپ كۆرسىتىش ، تەكشۈرۈپ ئاشكارا ئېلان قىلىش قاتارلىق قاتلاممۇ – قاتلام تاللاشلاردىن كېيىن ، ھەرقايسى ئۆلكە ، ئاپتونوم رايون ۋە بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەر كۆرسەتكەن 200نەپەر نامزات ئىچىدىن 20نەپىرى تاللىۋېلىندى . ئۇنىڭدىن كېيىن مەملىكەتلىك باھالاپ تەكشۈرۈش كومىتېتى  يىغىن چاقىرىپ ، نامزاتلارنى باھالاشتىن ئۆتكۈزۈپ ، مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ تىزىملىكىنى جەمئىيەتكە ئاشكارا ئېلان قىلدى . شامىل شاكىر ‹‹جۇڭگودىكى ئون چوڭ كۆزگە كۆرۈنگەن پىدائىي››نىڭ ئىچىدىكى بىردىنبىر ئازسانلىق مىللەت پىدائىيسى ھەم بۇ پائالىيەت ئېلىپ بېرىلغاندىن بېرى شىنجاڭدىن چىققان تۇنجى مۇكاپاتلانغۇچى ئىكەن .

    

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ