باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>مەدەنىيەت>>مەدەنىيەت – سەنئەت
شىنجاڭدىن قېزىۋېلىنغان 24 دانە قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقى ‹‹جۇڭگو قەدىمكى دەۋىردىكى ئىجادىيەتلەر كۆرگەزمىسى›› گە قويۇلىدىكەن
2008- 07- 09 10:34 تەڭرىتاغ تورى

      شىنجاڭدىن قېزىۋېلىنغان ، نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە 24 دانە قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقى 2008–يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى مەزگىلىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ‹‹جۇڭگو قەدىمكى دەۋىردىكى ئىجادىيەتلەر كۆرگەزمىسى›› گە قويۇلىدىكەن . بۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ئېلىپ كېلىنگەن 300دانە دۆلەت تەۋەرۈكى ھېسابلىنىدىغان قىممەتلىك بۇيۇملارمۇ بۇ كۆرگەزمىگە قويۇلىدىكەن. 

     مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە ، بۇ كۆرگەزمىگە شىنجاڭدىن تاللاپ قاتناشتۇرۇلىدىغان 24 دانە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ ھەممىسى دۆلەت بىرىنچى ۋە ئىككىنچى دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بولۇپ ، ئۇنىڭ ئىچىدە يىپەك توقۇلمىلار ۋە يۇڭ توقۇلمىلارنىڭ سانى كۆپرەك سالماقنى ئىگىلەيدىكەن . بۇ بىر تۈركۈم تاللىۋېلىنغان توقۇلما بۇيۇملار نەچچە مىڭ يىللىق تارىخنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ ، ئاساسىي جەھەتتىن مۇكەممەل ساقلانغان . يىپەك توقۇلما بۇيۇملارنىڭ رەڭگى سەل سارغايغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا ، گۈلى ، رەڭگى ، سىزىقچىلىرى ئېنىق بولۇپ ، كىشىنىڭ زوقىنى قوزغايدىكەن .

     بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرۇلىدىغان مەدەنىي يادىكارلىق ئىچىدە يەنە ، 1964–يىلى شىنجاڭ تۇرپان ئاستانە قەدىمىي قەبرىستانلىقىدىن تېپلىغان ‹‹قەبرە ئىگىسىنىڭ تۇرمۇشى ›› ناملىق قەدىنىي رەسىممۇ بار ئىكەن .

 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ