باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>مەدەنىيەت>>مەدەنىيەت ئىزنالىرى
تۇرپاندىكى قۇملۇق ئۆسۈملۈكلىرى باغچىسى
2008- 07- 08 18:21 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى

      جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى تۇرپان قۇملۇق ئۆسۈملۈكلىرى باغچىسى، 1976– يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، تۇرپان شەھىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىن تەخمىنەن 10كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان، كۆلىمى 34 گېكتار كېلىدۇ.

      قۇم ۋە قۇملۇق تەبىئەتنىڭ بىر قىسمى ھەمدە تەبىئەت ئۆزگىرىشىنىڭ مەھسۇلى. مۇھىت قۇرغاقلاشقاندا قۇملۇق كۆپىيىدۇ. ئىنسانلارنىڭ ياشايدىغان ماكانى تارىيىدۇ. شىنجاڭدا يېقىنقى 20 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تەرەققىي قىلىشى، نوپۇسنىڭ كۆپيىشى، مۇھىتنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇلغنىشىغا ئەگىشىپ، قۇملۇقلار كېڭىيىشكە قاراپ يۈزلەندى. قۇملىشىش  بارغانسېرى كۈچەيدى. نەتىجىدە، ئىنسانلار ياشاشقا بولىدىغان ماكان ئەمەلىيەتتە تارىيىشقا قاراپ يۈزلەندى.

      تۇرپان قۇملۇق ئۆسۈملۈكلىرى باغچىسى قۇرغاق، قۇملۇق رايونلاردىكى ھەر تۈرلۈك ياۋايى ئۆسۈملۈكلەر بايلىقىنى يىغىشنى ئاساسىي ئالاھىدىلىك، پەن– تەتقىقات، پەننى ئومۇملاشتۇرۇشنى ئاساسىي ۋەزىپە قىلغان، قۇرغاق، قۇملۇق رايونلاردا ئۆسىدىغان ئۆسۈملۈك تۈرلىرىنى كىرگۈزۈپ يېتىشتۈرىدىغان، مەملىكىتىمىزدىكى قۇرغاق، قۇملۇق رايون  ئۆسۈملۈكلىرىنى يۆتكەپ كېلىپ قوغداش ۋە قۇملۇق ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداشتىكى تەتقىقات بازىلىرىنىڭ بىرى. مەخسۇس تۈر باغچىلىرىدىن: قۇملۇق ئۆسۈملۈكلىرى كىلاسفىكاتسىيە ئەۋرىشكىخانىسى، مىللىي دورىلىق ئۆسۈملۈكلەر كۆچەتزارلىقى، يۇلغۇنلۇق باغچىسى قاتارلىقلار بار. بۇنىڭدىن باشقا قۇرغاق، قۇملۇق رايونلاردىكى ئاز ئۇچرايدىغان ئەتىۋارلىق، يوقىلىش گىردابىغا كېلىپ قالغان ئۆسۈملۈكلەر رايونى، قۇرغاق قۇملۇقلاردا ئۆسىدىغان ياۋايى ئۆسۈملۈكلەر رايونى ۋە ئەتىۋارلىق مەنزىرە ئۆسۈملۈكلىرى رايونى تەسىس قىلىندى.

      قۇملۇق باغچىسىدا قۇمنى تۇراقلاشتۇرغۇچى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر كەڭ كۆلەمدە ئۆستۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇلار قۇملۇق تەتقىقاتى بىلەن قۇمنى تىزگىنلەش ۋە ئۇنىڭ قوللىنىشىنى ئۆز ئارا زىچ باغلاپ تۇردى. باغچىدا يەنە يېڭى مەنزىرىلىك ساياھەت رايونى ۋە يىراقتىن كۆرسىتىش پونكىتى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بۇ يەردە خېلى بۇرۇنلا چۆللۈك شامال يالانمىلىرىدىن شەكىللەنگەن كۆچمە قۇم بارخانلىرى باراقسان ئۆسۈۋاتقان يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر بىلەن قاپلاندى. بۇ يەر تەبىئىي مەنزىرە بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن ساياھەت مەنزىرىسى ، شۇنداقلا تۇرپاندىكى دېھقانلار ۋە پەن– تېخنىكا خىزمەتچىلىرى بىرلىكتە بەرپا قىلغان قۇملۇقتىكى يېشىل بوستانلىق بولۇپ قالدى.

      ھازىر، قۇملۇق ئۆسۈلۈكلەر باغچىسى قۇملۇق باغچىسىغا ئايلاندى. بۇ يەرنىڭ مۇھىتى ئەۋزەل، ئورمانلار ئاسمانغا بوي سوزۇپ تۇرىدۇ، ئىنسانلارنىڭ مۇھتنى قوغداشتىكى بىر گۈزەل مەنزىرسىدۇر. بۇ جاينىڭ قۇملۇق ئۆسۈملۈكلىرىنى تەجرىبە قىلىش ئۇسۇللىرى ۋە تەتقىقات ئۈسكۈنىلىرى بارغانسېرى مۇكەممەللىشىپ، تەتقىقات خىزمىتىدە زور مۇۋەپپەققىيەتلەر قازىنىلىپ، دۆلەت ئىچىدە خەلقئارادىكى پەن– تەتقىقات ئورگانلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىشقا كۈچلۈك ئاساس سېلىنماقتا. تۇرپان ئۆسۈملۈكلەر باغچىسى قۇرۇلغاندىن بۇيان 20 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندىن ئېكىسكۇرسىيە ۋە زىيارەتكە كەلگەن ئالىم مۇتەخەسسىسلەرنى كۈتۈۋالدى. ھەر يىلى بۇ ئۆسۈملۈكلەر باغچىسىغا ئېكىسكۇرسىيە، ساياھەت، پىراكتىكىغا كېلىدىغان ئالىم ساياھەتچى ۋە ئاسپرانت، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ.

 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ