باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>مەدەنىيەت>>مەدەنىيەت ئىزنالىرى
قۇمۇلدىكى‹‹بەش شەھەر، ئون ئىككى تاغ›› نىڭ بىرى بولغان باغداش
2008- 07- 07 09:58 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى

      قۇمۇل بوستانلىقىدىن شىمالغا قارىسىڭىز، شەرقىي تەڭرىتاغنىڭ بۇ مۇقەددەس بۆلىكى ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. ھەر يىلى7 –، 8 – ئايلار قۇمۇلنىڭ ساياھەتچىلىكى ئەڭ جانلىنىدىغان مەزگىل. قۇمۇل شەھىرىدىن شەرقىي شىمالغا قاراپ تەخمىنەن 60 كىلومېتىر ماڭغاندىن كېيىن ، تاغنىڭ جەنۇبىي باغرىدىكى ئارىتام بېغىغا كېلىسىز، ئارىتام بېغى باغداش تېغى بىلەن بىر تاغ ئارىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ. بۇ باغدا ياڭاق، ئۆرۈك دەرەخلىرى كۆپ بۇلۇپ ، مېۋىسى بەك ئوخشايدۇ. ئارىتام بىلەن باغداشنى ھەم ئېگىز، ھەم كەڭ كەتكەن تاغ ئايرىپ تۇرغىنى بىلەن، سۇلىرى غول ئېقىن ئارقىلىق قوشۇلۇپ كېتىدۇ. غول ئېقىننىڭ سۈيى شىددەت بىلەن ئاقىدىغان بولغاچقا، ئارىتام ئارقىلىق باغداشقا بىۋاستە ئۆتكىلى بولمايدۇ. غەرىپكە بۇرۇلۇپ ئون كىلومېتىر ماڭغاندىن كېيىن باغداشقا بارىدىغان تاغ ئېغىزىغا كىرگىلى ، بۇ ئېغىزدىن ئەگىم – بۇرغۇم تاغ جىلغىسى ئارقىلىق باغداشقا بارغىلى بۇلىدۇ. ئىچكىرىلەپ ماڭغاندا ، ئەتراپتا ئاندا – ساندا ياۋا ئوت– چۆپ ئۈنۈپ قالغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا، ھېچنىمە يوق بىر قاقاس يولغا چىقىپ، يوغان قورام تاشلار ئارىسىدىن سىرغىپ چىقىۋاتقان بۇلاق سۈيىنى كۆرگىلى بولىدۇ. يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ ماڭغاندا تولىمۇ خەتەرلىك كۆرۈنىدىغان بىر داۋان كۆز ئالدىڭىزدا نامايەن بولىدۇ. يەنە بىر تۆپىلىكتىن ئۆتكەندىن كېيىن بىردىنلا كۆز ئالدىڭىزدا خۇددى كىنو لېنتىسىدەك ئويمانلىققا جايلاشقان باغداشنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدىن بۇژغۇنلاپ ئېقىۋاتقان دەرياسىمان ئېقىن، ئەتراپتىكى يېشىللىق، بىر – بىرىگە تۇتاش كەتكەن مېۋىلىك باغلار كۆز ئالدىڭىزدا  نامايەن بولىدۇ. بۇ يېشىللىق  يىراقتىن كۆرۈنىدىغان ئاپئاق قارلىق چوققىلارغا تۇتىشىپ كېتىدۇ.

      شەرقىي شىمالدىن غەربىي جەنۇبقا قاراپ ئاققان باغداش دەرياسىنى بويلاپ ، مەھەللە يولى بىلەن ماڭغاندا چوڭ بىر باغقا كېلىسىز. بۇ يەردە مەھەللە ئۆيلىرىگە يانداشتۇرۇپ خىش بىلەن سېلىنغان باغداش باشلانغۇچ مەكتىپى بىلەن باغداش چارۋىچىلىق چوڭ ئەترىتىنىڭ ئىشخانا بىناسى بار. بۇ يەرنىڭ دېھقان– چارۋىچىلىرى ئىنتايىن  مېھماندوست. باغداشنىڭ ھاۋاسى ساپ، مەنزىرىسى گۈزەل، سۈيى ئەلۋەك بولغاچقا ، بۇ يەردە 233 يىل ھاكميەت يۈرگۈزگەن توققۇز ئەۋلاد قۇمۇل ۋاڭلىرىنىڭ ئارامگاھى بار. ئۆرۈك، تاشئالما ۋە باشقا مېۋىلىك دەرەخلەر بىلەن تولغان چوڭ باغنىڭ ئىچىدە ناھايىتى يوغان تاش بولۇپ، تاش ئۈستىدە ئۇيغۇر، مانجۇ بىناكارلىقىنىڭ نامايەندىسى سۈپىتىدە ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان بىر راۋاق بار. راۋاقنىڭ ئۈستىگە چىقىپ، ئەتراپقا نەزەر سالسىڭىز، باغداشنىڭ ئومۇمىي مەنزىرىسىنى، ھەتتا قاتمۇ – قات قارلىق تاغلاردىن ئېقىپ چۈشكەن باغداش دەرياسىنىڭ شاقىراتمىسىنىمۇ كۆرەلەيسىز. بۇ يەردە تۆت پەسىلنىڭ مەنزىرىسىنى بىرلا ۋاقىتتا كۆرگىلى بولىدۇ. يىراقتىكى قارلىق چوققىلار قىش پەسلىنى ئەسلەتسە، رەڭگارەڭ گۈللەر باھار پەسلىنى، ياپيېشىل مېۋىلىك باغلار ياز مەنزىرىسىنى، مەي باغلاپ پېشقان مېۋىلەر مول ھوسول شادلىقىغا چۆمۈلگەن كۈزنى ئەسلىتىدۇ. ياپ – يېشىل ئوتلاقتا ئوتلاۋاتقان چارۋىلار بىلەن مەيىن تاغ شامىلىدا يەلپۈنۈۋاتقان ئارپا، قىچا زىرائەتلىرى، تۈرلۈك دورا ئۆسۈملۈكلىرى، ئاخشىمى، ئەتىسى ئۆي– ئۆيلەردىن ئاڭلىنىدىغان قومۇل مۇقاملىرىنىڭ جۇشقۇن ساداسى بۇ يەردىكى مەمۇرچىلىق ھاياتنى نامايەن قىلىپ، دىلىڭىزغا شادلىق ئاتا قىلىدۇ.

      دېھقانلارنىڭ ئۆيىگە كىرسىڭىز، مەززىلىك قۇمۇل ياپمىسى، كۆك پۇرچاق قوشۇپ ئېتىلگەن پولو، ئىچسە ئىچكۈسى كېلىدىغان قۇچقاچ تىلى سويۇقئاشقا ئېغىز تىگىسىز. قۇمۇل راۋابى، قۇمۇل غىجىكى ۋە ئۈچتىن تۆتكىچە داپ تەڭكەش قىلىنىدىغان يەرلىك مەشرەپتىن قانغىچە زوق ئالىسىز. چوڭقۇر مەنىگە ئىگە قۇمۇل تاغ بىيىتلىرىدىن ھايات ھەقىقەتلىرىنى چۈشىنىپ، تېگى يوق خىياللارنى سۈرىسىز. چوڭ باغنىڭ ئىچىدە يېشىل كاھىش بىلەن قۇببە تۇرغۇزۇلغان، ئاقارتىلغان قەبرە بار. بۇ ئەينى چاغدىكى ئەركىن مۇھەببەتنىڭ ئۈمىدۋار قەھرىمانلىرى بولغان چىن مودەن بىلەن مەرداننىڭ قەبرىسى. قەبرىنىڭ تاملىرىغا خەلق ئىچىدە داستان شەكلىدە تارقىلىپ يۈرگەن قوشاقلار پۈتۈلگەن. بۇ يەردە باغداش دېگەن نام ھەققىدە خىلمۇ – خىل رىۋايەتلەر بار بولۇپ، ‹‹ باغۇ – دەشت››، ‹‹ باغ ئاداش›› ، ‹‹ باغ  – داش›› دېگەن ناملارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە خاس ھېكايىلىرى بار.

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ