|

قىز بوۋاق

ئوغۇل بوۋاق

قوشكېزەكلەرنىڭ ئاتا – ئانىسى
ھىندىستانلىق 65 ياشلىق ئايال كەيلى بىر ھەپتىنىڭ ئالدىدا قوشكېزەك يەڭگىگەن بولۇپ ، قوشكېزەكلەرنىڭ ھەربىرىنىڭ ئېغىرلىقى بىر كىلوگرامدىن ئارتۇقراقلا ئىكەن. كەيلىنىڭ يولدىشى بۇ يىل 67 ياشقا كىرگەن بولۇپ ، كۆپ يىللاردىن بۇيان ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەچكە، بۇ قېتىم ئۇ ۋارىسى بولغانلىقىدىن بەك پەخىرلەنگەن.
ئىگىلىنىشىچە ، كەيلىنىڭ يولدىشى بۇنىڭدىن 15 يىل بۇرۇن پىنسىيىگە چىققان بولۇپ ، ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىپ ، بارمىغان دوختۇرخانا ، قىلمىغان رېتسىپلىرى قالمىغان . ئۇلار ھەتتا بارلىق تاپقان – تەرگىنىنى خەجلىۋەتكەن بولسىمۇ ، قىلچە ئۈنۈمى بولمىغان. ئىككى يىل ئىلگىرى ئۇلار 40 ياشتىن ھالقىغان بىر جۈپ ئەر – خوتۇننىڭ سۈنئىي ئۇسۇلدا ھامىلىدار بولۇپ ، پەرزەنتلىك بولغانلىقىنى ئاڭلاپ ، بۇ ئۇسۇلنى قوللانغان ، نەتىجىدە ، ئوڭۇشلۇق ھالدا بىرجۈپ قوشكېزەك پەرزەنتلىك بولغان.
ھىندىستاندا ، بۇ خىل سۈنئىي ئۇسۇل بىلەن ھامىلىدار بولۇش ئىشلىرى پات – پات بولۇپ تۇرىدىكەن ، لېكىن ، ھۆكۈمەت سەھىيە ۋە ئائىلە پاراۋانلىق ئورۇنلىرىنىڭ قارىشىچە ، بۇ خىل ئۇسۇلدا ھامىلىدار بولغاندا ، يېشى چوڭ ئاياللارنىڭ ھاياتى ۋە بالىلارنىڭ سالامەتلىكى خەۋپكە ئۇچرىشى مۇمكىنكەن ، بۇنىڭدىن باشقا يەنە بالىلارنىڭ كەلگۈسىدىكى بېقىلىش، تەربىيىلىنىمۇ بىر مەسىلە ئىكەن.
|