باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>مەدەنىيەت>>مەدەنىيەت – سەنئەت
تېكەس ناھىيىسى مەملىكىتىمىزدىكى‹‹ دۆلەت دەرىجىلىك تارىخى مەدەنىيەتلىك داڭلىق شەھەرلەر›› قاتارىغا كىردى
2008- 07- 03 15:32 تەڭرىتاغ تورى

    تېكەس ناھىيىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ نەچچە يىل جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ۋە ئىلتىماس قىلىشى نەتىجىسىدە ،گوۋۇيۇن ئىشخانىسى بۇلتۇر بۇ ناھىيىنى ‹‹دۆلەت دەرىجىلىك تارىخى مەدەنىيەتلىك داڭلىق شەھەرلەر›› قاتارىغا رەسمىي كىرگۈزدى.          
     تېكەس ناھىيىسىنىڭ سەككىزكوچىسى1936–يىلى ياسالغان بولۇپ،70نەچچە يىللىق قورۇلۇش ۋە قوغداش نەتىجىسىدە بۇ قەلئە ئىنتايىن مۇكەممەل ساقلانغان. تېكەس ناھىيىسى 2001–يىلى شاڭخەي جىنىس دۇنيا رىكۇرتى قامۇسىغا كىرگۇزۇلگەن.2004–يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ‹‹ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تارىخى مەدەنىيەتلىك شەھەر›› دىگەن نامغا ئېرىشكەن.ناھىيە تەۋەسىدە ئۇيسۇن قەدىمى شەھىرى،تاڭ سولالىسى قەدىمى شەھىرى،ئۇيسۇن قەدىمىي قەۋىرىستانلىقى،يايلاق تاش ئادىمى قاتارلىق مەدىنىي مىراسلار،قاراجۇن يايلىقى،تاش ئۆڭكۇر،كۆكسۇ دەرياجىلغىسى،تاش ئورمان،تەيجى ئارىلى قاتارلىق داڭلىق تەبئىي مەنزىرە رايونلىرى بار.   
                                                                              تېكەس ناھىيىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىدىن:مۇتەللىپ ياقۇپ

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ