|

تۈنۈگۈن(2–ئىيۇل)،ۋاڭ لەيگېننىڭ سۇ بوياق ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرۇلغان ئەسەرلەر ، رەسسامنىڭ تاغ– دەريالارغا ۋە مېيخۇا گۈلىگە چوڭقۇر ئىشتىياق باغلىغانلىقىنى نامايەن قىلدى. كۆرگەزمىگە 70دىن ئارتۇق ئەسەر قاتناشتۇرۇلغان بولۇپ ، كۆرگەزمە 5 كۈن داۋاملىشىدىكەن.

ۋاڭ لەيگېن 1955–يىلى 10–ئايدا تۇغۇلغان بولۇپ ، مىللىتى خەنزۇ، نەنجىن شەھىرىدە تۇغۇلغان . ئۇ جۇڭگو ھۆسنخەت ، رەسىم ئونىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن بولۇپ ، ھازىر جېجياڭ ئۆلكىلىك گۈزەل–سەنئەت جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، نەنجىڭ شەھەرلىك گۈزەل–سەنئەت جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ، جىياڭسۇ ياڭزى ھۆسنىخەت ، رەسىم ئىنىستىتوتىنىڭ لىكتورى.

|