|
گېرمانىيىدە نۇرغۇن تېخنىكىلىق ئىشچى يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان دۆلەتلەرگە پۇل تاپقىلى كېتىۋاتىدۇ
گېرمانىيىنىڭ مۇنەۋۋەر تېخنىكىلىق ئىشچىلىرى گېرمانىيە مەھسۇلاتلىرىنى دۇنياغا تونۇتقان. بىراق، گېرمانىيە ئەمگەك مىنىستىرلىكىنىڭ يېقىنقى سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، گېرمانىيىدە تېخنىكىلىق ئىشچىلار ئېغىر دەرىجىدە يېتىشمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلگەن. 20 – ئەسىرنىڭ 60 – يىللىرىدا گېرمانىيىدە تېخنىكىلىق ئىشچىلار ئىشچىلار ئومۇمىي سانىنىڭ %45 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن، ئەمما 20 – ئەسىرنىڭ 90 – يىللىرىغا كەلگەندە بۇ نىسبەت %15 كە چۈشۈپ قالغان، ھازىر %10 نىلا ئىگىلەيدىكەن.
بۇنىڭدىكى سەۋەب شۇكى، بىرىنچىدىن، گېرمانىيىدىكى ياشلار تېخنىكىلىق ئىشچى بولۇشنى خالىمايدۇ. گېرمانىيە ياشلار، ئۆسمۈرلەر تەتقىقات ئورنىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىىگە قارىغاندا، ھازىر پەقەت %34 كىشى كۆك ياقىلىق بولۇشنى خالايدىكەن، ئون يىل ئىلگىرى بۇ نىسبەت %83 كە يېتەتتىكەن. ھازىر گېرمانىيىدە تېخنىكىلىق ئىشچىلارنىڭ كىرىمى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، ئوتتۇرىچە يىللىق كىرىمى 39 مىڭ دوللارغا يەتسىمۇ، ئاق ياقىلىقلارنىڭ 65 مىڭ دوللارلىق يىللىق ئىش ھەققى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۇلار يەنىلا تۆۋەن كىرىملىكلەر ھېسابلىنىدۇ. ئىككىنچىدىن، پەن – تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشى تېخنىكىلىق ئىشچىلارنىڭ كەمچىل بولۇشىدىكى تۈپ سەۋەب. پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تېخنىكىلىق ئىشچىلارنىڭ قۇرۇلما خاراكتېرلىك كەمچىل بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
گېرمانىيىدىكى ‹‹تېخنىكىلىق ئىشچىلار قەھەتچىلىكى›› ئەھۋالى پۈتكۈل ياۋروپانىڭمۇ بىر كارتىنىسى. ياۋروپا ئەمگەكچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، گېرمانىيىدە تېخنىكىلىق ئىشچىلارنىڭ كەمچىل بولۇشى %36 كە، فرانسىيىدە %40 كە، ئەنگلىيىدە %34 كە يەتكەن. ئەھۋالى خېلى ياخشى بولغان ئىرېلاندىيىدىمۇ تېخنىكىلىق ئىشچىلارنىڭ كەمچىل بولۇشى %17 كە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە تامچى، تۇرۇبا ئىشچىسى، ياغاچچى قاتارلىقلار ئەڭ كەمچىل ئىكەن.
ئامېرىكىدا ئاتا – ئانىلار بالىلىرىنىڭ تېخنىكىلىق ئىشچى بولۇشىنى خالىمايدۇ
‹‹بۈگۈنكى ئامېرىكا›› گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 1983 – يىلىدىن 2002 – يىلىغىچە، ئامېرىكىدا تېخنىكىلىق ئىشچىلارنىڭ 1 مىليون 200 مىڭ ئىش ئورنى كۆپىيىپ، %37 ئاشقان، لېكىن لاياقەتلىك تېخنىكىلىق ئىشچىلارنى ئوڭاي تاپقىلى بولمىغان. ئالاھىدە تەربىيىلەنگەن، خىزمەتتە ئالاھىدە ئېھتىياجلىق بولغان ماتېماتىكا، كومپيۇتېر ۋە ماشىنىسازلىق تېخنىكىسى بار تېخنىكىلىق ئىشچىلارنىڭ ئامېرىكىدا بازىرى ئىتتىك. ئامېرىكىدا ياشلار تېخنىكىلىق ئىشچى بولۇشنى ئانچە خالىمايدۇ. ‹‹لوس – ئانژېلېس ۋاقتى›› گېزىتىدە مۇنداق خەۋەر قىلىندى: ئىلگىرى دانيېل ماك ئىسىملىك بىر ياش تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئىككى يىللىق تېخنىكىلىق ئىشچىلار مەكتىپىگە كىرىپ، ستانوك تېخنىكىسى ئۆگەنمەكچى ھەم بىر شىركەتتە تەربىيىلەنمەكچى بولغان، لېكىن ئۇنىڭ ئاتا – ئانىسى: ياساش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئىشچىلار كۆك ياقىلىق ئىش كىيىمى كىيىدىغان، قوللىرىغا چېكىۋېلىپ، ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن پىۋا ئىچىدىغان كىشىلەر، بالىمىز بۇ ئىشنى قىلسا بولمايدۇ، دەپ قارىغان.
جۇڭگودا يۇقىرى دەرىجىلىك تېخنىكىلىق ئىشچىلار ئىنتايىن كەمچىل
‹‹تېخنىكىلىق ئىشچىلار قەھەتچىلىكى›› بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ كېتىۋاتقانلىقتىن، كۆپ ساندىكى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر چەت ئەلدىن تېخنىكىلىق ئىشچىلارنى كىرگۈزۈشكە مەجبۇر بولدى. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ شەرققە كېڭىيىش قەدىمىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، شەرقىي ياۋروپادىكى نۇرغۇن تېخنىكىلىق ئىشچى گېرمانىيە قاتارلىق غەربىي ياۋروپا دۆلەتلىرىگە كىرىشكە باشلىدى، گېرمانىيىدىلا ئۇلارنىڭ نىسبىتى %15 نى ئىگىلەيدۇ. لېكىن گېرمانىيە ئەمگەك مىنىستىرلىكىنىڭ مۇتەخەسسىسى لىننا مۇنداق دېدى: شەرقىي ياۋروپالىق تېخنىكىلىق ئىشچىلارنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن تېخنىكىلىق ئىشچىلار كەمچىل بولۇش مەسىلىسى تۈپتىن ھەل بولغىنى يوق، ئۇلار تېخنىكىسى قالاق بەزى كەسىپلەردىكى بوشلۇقنىلا تولدۇردى، گېرمانىيە ئاپتوموبىل، ماشىنىسازلىق كەسپىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك تېخنىكىلىق ئىشچىلارغا موھتاج بولماقتا. جۇڭگو كارخانىلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى جيەنمىڭ مۇنداق قارىدى: جۇڭگودا يۇقىرى دەرىجىلىك تېخنىكىلىق ئىشچىلار ئىنتايىن كەمچىل، ئەگەر زور كۆلەمدىكى تېخنىكىلىق ئىشچىلار قوشۇنى بولمىسا، جۇڭگونىڭ ياساش كەسپىدىكى چوڭ دۆلەتتىن ياساش كەسپىدىكى كۈچلۈك دۆلەت بولۇشى تەس.
ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىر جۇڭگودا دېھقان ئىشلەمچىلەر كەسپىي ئىشچىلار قوشۇنىدىكى ئاساسلىق كۈچكە ئايلىنىپ، خېلى چوڭ نىسبەتنى ئىگىلىدى. لېكىن ھازىر دۆلەت ۋە كارخانىلارنىڭ كەسپىي ئىشچىلارنى تەربىيىلەش، بولۇپمۇ دېھقان ئىشلەمچىلەرنى تەربىيىلەشكە سالغان مەبلىغى ناھايىتى ئاز. جۇڭگودا يۇقىرى دەرىجىلىك تېخنىكىلىق ئىشچىلار قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈشكە ئاز دېگەندە بەش يىل كېتىدۇ. ‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى››دىن
|