باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>مەدەنىيەت>>دۇنياغا نەزەر
گېرمانىيە ئو ت م ماھىرى‹‹شىزاڭ مۇستەقىللىقى››تەشەببۇسىدىن ۋاز كەچتى
2008- 07- 02 10:22 شىنجاڭ گېزىتى

    گېرمانىيىنىڭ ‹‹شىزاڭ مۇستەقىللىقى››نى ياقلايدىغان بىر تەنھەرىكەتچىسىنىڭ ‹‹ئويغىنىشى›› 23 – ئىيۇن نۇرغۇن ئاخبارات ۋاسىتىسىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى، گېرمانىيە دۆلەتلىك سۇ توپ كوماندىسىنىڭ ئەزاسى مارك بېن ئىلگىرى كوماندا ئەزالىرىنىڭ بېيجىڭغا بېرىپ ئو ت م گە قاتناشقاندا ‹‹شىزاڭ مۇستەقىللىقى››نى قوللاپ، لامالار كىيىمىنىڭ رەڭگى بىلەن ئوخشاش رەڭدىكى سۇ ئۈزۈش كىيىمى كىيىشنى تەشەببۇس قىلىپ نام چىقارغان. ھازىر ئۇ ئۆزىنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ‹‹زەمبىرەكچىسى››گە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىپ، شىزاڭ ۋەقەسىنىڭ ئەينەن ئەھۋالىنى بىلىشكە قىزىقتى. گېرمانىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى مۇخبىرى گازنىڭ ‹‹سۇ توپ تەنھەرىكەتچىسى مارك بېن قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك سۇ ئۈزۈش كىيىمى بىلەن خوشلاشتى›› سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە مارك بېن ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى تونۇدى.

    گېرمانىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 29 ياشلىق مارك بېن گېرمانىيە سۇ توپ كوماندىسى ئافىنا ئو ت م گە قاتناشقان چاغدىكى ئاساسلىق ئەزالارنىڭ بىرى ئىكەن. ‹‹14 – مارت›› ۋەقەسىدىن كېيىن، گېرمانىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى تارقاتقان ئاتالمىش ‹‹جۇڭگو زاڭزۇلارنى باستۇردى›› دېگەن خەۋەرلەر مارك بېننىڭ كاللىسىدا جۇڭگوغا نىسبەتەن ‹‹باشقىچە قاراش›› پەيدا قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ گېرمانىيە دۆلەت كوماندىسى ئەزالىرىنىڭ بېيجىڭ ئو ت م نىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشقاندا لامالار كىيىمىنىڭ رەڭگى بىلەن ئوخشاش رەڭدىكى سۇ ئۈزۈش بۆكى ۋە سۇ ئۈزۈش كىيىمى كىيىپ، زاڭزۇ راھىبلارغا مەنىۋى مەدەت بېرىشنى تەشەببۇس قىلغان. شۇنىڭ بىلەن مارك بېن بىر كېچىدىلا ئاخباراتلىق چولپانغا ئايلانغان.

    ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئۇنىڭدىن ‹‹بېيجىڭ ئو ت م گە بايقۇت قىلىش›› توغرىسىدىكى سۆزلەرنى قىلىشنى تەلەپ قىلغان، ئەلۋەتتە. گېرمانىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە، مارك بېن گېرمانىيە مۇخبىرلىرى سورىغان سوئاللاردا چوڭقۇر بىر تەرەپلىمىلىك بارلىقىنى ھېس قىلىپ، شىزاڭ ۋەقەسىنىڭ ئەينەن ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئىرادىسىگە كەلگەن، دېيىلدى.

    مارك بېن شۇنىڭدىن كېيىن نۇرغۇن تارىخىي ئەسەرنى ئوقۇغان ھەم جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار بىلەن قىزغىن مۇنازىرىلەشكەن. جۇڭگونىڭ گېرمانىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ما شەنروڭ يېقىندا ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭغا بېيجىڭ ئو ت م ۋە شىزاڭنىڭ ئەينەن ئەھۋالىنى تونۇشتۇرغان. مارك بېن ئەسلەپ: مەن باش ئەلچى بىلەن دالاي لامادىن تارتىپ ئىنسانىي ھوقۇق، تورنى قامال قىلىشقىچە بولغان ھەممىلا ئىش توغرىسىدا سۆھبەتلەشتىم، دېدى.

    مارك بېن باش ئەلچى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، ‹‹شىزاڭ مەسىلىسىنىڭ شۇنچىلا مۇرەككەپ ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا بۇ مەسىلە توغرىسىدىكى ئىزدىنىشنىڭمۇ شۇنچىلا فورمىلالاشقانلىقىنى، ئىلگىرى ئوتتۇرىغا قويغان قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك سۇ ئۈزۈش كىيىمى كىيىش تەشەببۇسىنىڭ تولىمۇ بىمەنىلىك ئىكەنلىكى››نى ھېس قىلغان. مارك بېن مۇنداق دېدى: مەن بۇ ھەقتە ھېچنېمىدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىمنى، باشقىلارنىڭ گېپىگە قارىغۇلارچە ئىشەنگەنلىكىمنى، شۇڭا باشقىلارنىڭ تەنقىدى ۋە رەددىيىسى ئالدىدا تىلىم تۇتۇلغانلىقىنى ئەمدى ھېس قىلدىم.

 ‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى››دىن  

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ