|
20–ئىيۇن ، شىنجاڭ ئىككىنچى قېتىملىق ‹‹ياشلار ئەدەبىياتى››مۇكاپاتىنىڭ دەسلەپكى نەتىجىسى ئېلان قىلىندى . بۇ قېتىم تاللاشقا قاتناشقان 57 ياش يازغۇچى نامزاتنى ،ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيتى، ئەدەبىي ژورنال مەتبۇئات، ھەرقايسى ۋىلايەت–ئوبلاسىت،شەھەرلەردىكى ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى،يازغۇچىلار جەمئىيتى قاتارلىق ئورۇنلار تۇنۇشتۇرغان.دەسلەپكى تاللاشتىن كېيىن جەمئىي 25نەپەر مىللىي يازغۇچى تاللاندى . دەسلەپكى باھالاش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيتى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ قىسمەن ئەزالىرى،ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەھبەرلىرى ۋەمۇتەخەسسس ئالىملاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ.تاللىنىلغان ياش يازغۇچىلارتولۇق مۇزاكىرىدىن ئۆتۈپ،يوشۇرۇن ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق مەيدانغا چىققان.تاللانغانلار يېرىم ئايدىن كېيىن ،ئاخىرقى باھالىغۇچىلار كومىتېتى تەرىپىدىن بېلەت تاشلىنىپ بېكىتىلدۇ.
|