|
بۈمەريەم شېرىپ خۇشتار
چۈلە ––– خەلقىمىزنىڭ قۇرۇتۇلغان ئۆرۈك(گۈلە)تىن تەييارلىنىدىغان قۇۋۋەت يېمەكلىكى، ئۇ ئىككى خىل تەييارلىنىدۇ.
ساپ پاكىز قۇرۇتۇلغان گۈلىنى پاكىز يۇيۇپ، كەچتە قايناق سۇغا ئازراق سۇقا چىلان بىلەن چىلاپ قويۇلىدۇ. بىر ئاخشام تۇرغاندىن كېيىن، گۈلىنىڭ ئېتى سويۇۋېلىنىپ ئىسلىنىدۇ. گۈلىدىكى كراخمال قەنت ماددىسى سۇغا ئۆتۈپ سۇ تاتلىق بولىدۇ. بۇنداق چۈلە ئادەتتە ئائىلىلەردە قەدىمكى ئۇيغۇر تېبابىتىدىكى رېتسېپلار بويىچە قان تېپەر(قاننى سۇيۇلدۇرۇپ، ئايلىنىشنى ياخشىلايدۇ) دەپ قارىلىدۇ. شۇڭا ئەتىيازدا كۆپلىگەن ئائىلىدە بۇ خىل چۈلە ئىستېمال قىلىنىدۇ. ئۇ تارىختىن بۇيان خەلقىمىزنىڭ ئىستېمال ئادىتىگە، بازارلىق يېمەكلىككە ئايلانغان.
بازاردا سېتىلىدىغان چۈلىنى تەييارلاش ئۇسۇلى يۇقىرىقىدەك بولىدۇ. بازارغا سالغاندا گۈلە چىلانغان سۇ چوڭ داسقا ئېلىنىپ، داسنىڭ ئۈستىگە ئەمبەل قويۇلىدۇ، ئەمبەل ئۈستىگە گۈلە رەتلىك، كۆركەم قىلىپ بىر قانچە قەۋەت تىزىلىدۇ – دە، گۈلە، بىر قانچە تال چىلان ۋە گۈلىنىڭ تاتلىق سۈيى قاچىدا خېرىدارغا تەلەپ بويىچە سۇنۇلىدۇ.
ئىككىنچى خىل چۈلىنىڭ ئاساسىي خام ئەشياسى گۈلە( ئۆرۈك قېقى)، قوشۇمچە ئازراقتىن قوناق، بۇغداي ئۇنى ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. بۇنداق چۈلە تامىقى خەلقىمىزنىڭ قەدىمكى تاماقلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنى قاغىلىق ناھىيىسىنىڭ چۇپان يېزىسى ۋە بىر قىسىم تاغلىق جايلاردا ياشىغۇچى خەلقلەر ھازىرغىچە ئىستېمال قىلىدۇ.
چۇپان يېزىسىدا ئۆرۈكنىڭ تۈرى كۆپ بولۇپ، كىشىلەر ئۆرۈك ۋە گۈلە قاقتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىدۇ. ئۇلار خۇۋەينى، جانانى، توختى قوتار، تەتۈر سۆگەت دەپ ئاتىلىدىغان ئۆرۈكلەرنى قۇرۇتۇپ، گۈلە قاق قىلىدۇ. تەلۋە بېغى، تېرىم جانانى، ئاقمەيرەم، بوستانباغلىق، دەپ ئاتىلىدىغان ئۆرۈكلەرنىڭ گۈلىسىدە چۈلە قىلىدۇ. چۈلە قىلىش ئۇسۇلى مۇنداق: پاكىز يۇيۇلغان گۈلىنى كاساڭ(ياغاچ تەڭنە)گە سېلىپ، چىلاشقۇدەك سوغۇق سۇ قۇيۇلىدۇ. گۈلە سۇدا ئۇيۇپ يۇمشايدۇ. بۇ چاغدا گۈلە سىقىلىپ سۈيى چىقىرىلىپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈلىدۇ، سۈيى سۈزۈلۈپ قۇم قازانغا قۇيۇلۇپ، بىر ئاز گۈلە سېلىپ قاينىتىلىدۇ. چۈلىنىڭ قۇۋۋەت ۋە تەمىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، مۇۋاپىق مىقداردا بۇغداي ۋە قوناق ئۇنى ئارىلاشتۇرۇلىدۇ.
ئېيتىشلارغا قارىغاندا، چۇپان خەلقى بۇنداق چۈلىنى كۈزگى بۇغداي تېرىغاندا ياكى ئەڭ ئەزىز مېھمانغا، بەزىدە كۆك يۆتەل ۋە قاتتىق زۇكام بولغان كىشىلەرگە تەييارلايدىكەن. دېمىسىمۇ، بۇنداق چۈلە قۇۋۋەتلىك، تەملىك، خۇشپۇراق بولۇپ، كۆك يۆتەل، زۇكامغا ئۈنۈملۈك شىپا بولىدۇ.
يەنە بىر قىسىم جايدىكى ئۇيغۇرلار سۇيۇقئاش، ئۇماچ، يۇمدان قاتارلىق يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە تائاملىرىغا گۈلە سېلىپ ئىستېمال قىلىدۇ.
|