باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>مەدەنىيەت>>مەدەنىيەت ئىزنالىرى
بۇلاق تېكىلىك يايلىقىدىكى تاش پۈتۈكلەر
2008- 06- 19 10:24 شىنجاڭ گېزىتى

     تارىختا كۈسەن، دەپ ئاتالغان قەدىمىي ماكان كۇچا  قەدىمكى غەربىي دىيارنىڭ مەدەنىيەت سەھنىسىدە چاقنىغان يۇلتۇزدۇر.  ئۇنىڭ تاغ – دەريالىرىغا  ئاشۇ ئۇزاق دەۋرلەر مابەينىدە يۈز بەرگەن ئىجتىمائىي، تارىخىي، سىياسىي، دىنىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئىزنالىرى پۈتۈلگەن ھەم بۇ ماكاندا ياشىغان ھەر خىل قەۋملەرنىڭ ئىنتايىن مول يالدامىلىرى ساقلانغان.

     قەدىمكى كۇچالىقلار ئۆزىنىڭ  يىپەك يولىنىڭ تۈگىنىگە جايلاشقانلىقىدەك ئارتۇقچىلىقىدىن پايدىلىنىپ، مىلادىدىن بۇرۇنقى 2 – ، 3 – ئەسىرلەردىلا بۇددا دىنى بىلەن ئۇچرىشىپ ۋە ئۇنى تەدرىجىي قوبۇل قىلىپ، ئاخىرىدا ئۇنى جۇڭگونىڭ باشقا رايونلىرىغا تارقىتىشتا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغان.

     20  – ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ تاكى يېقىنقى يىللارغىچە  ياۋروپا ۋە ئېلىمىز ئالىملىرىنىڭ كۇچادىكى بىرقانچە قېتىملىق ئىلمىي تەكشۈرۈشىدىن بايقىلىشىچە، مىلادىنىڭ ئالدى – كەينىدىكى ۋاقىتلاردا  قەدىمكى كۇچادا  ياشىغان ئاتا  –  بوۋىلىرىمىز مەدەنىيەتتە خېلى ئالدىغا كەتكەن بولۇپ، مەدەنىيەتلىك جەمئىيەتنىڭ مۇھىم بەلگىسى بولغان يېزىقتىن پايدىلىنىشنى بىلگەن. ئۇلار دەۋر تەرەققىياتىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن مانى يېزىقى، براھما ۋە قارۇشتى يېزىقلىرىنى قوللىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىي ھاياتىنى خاتىرىلىگەن ۋە بىزگە ھېسابسىز مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قالدۇرغان.

     بۈگۈنكى كۇچادا بايقالغان ۋە ساقلىنىپ قالغان مەدەنىيەت ئىزلىرى ۋە يازما يادىكارلىقلار كۇچانىڭ ھەر بىر تاغ، سەھرالىرىغا دېگۈدەك جايلاشقان بولۇپ، ئۇلار تارىخى، جۇغراپىيىلىك جايلىشىشى، مەدەنىيەت مەزمۇنى، مەدەنىيەت تەۋەلىكى جەھەتتىن بىر – بىرىگە ئوخشاشمايدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە دەۋر جەھەتتىن ئىنتايىن قەدىمىي بولغان، ئىلگىرى بايقالغان ھەرقانداق بەلگىگە (يېزىققا) ياكى تامغىغا ئوخشىمايدىغان بىر تاش پۈتۈككە ئويۇلغان  سىمۋوللۇق بەلگىلەر ئىلىم ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ ۋە تەتقىق قىلىپ بېقىشىمىزنى كۈتىدۇ. ئۇ بولسىمۇ كۇچا ناھىيىسىدىكى قۇزغۇن چارۋىچىلىق فېرمىسى تېكىلىك جىلغىسىنىڭ بۇلاق تېكىلىك يايلىقىدىكى سىمۋوللۇق بەلگىلەر پۈتۈلگەن تاش پۈتۈكتۇر.

    بۇ تاش پۈتۈك كۇچا ناھىيە بازىرىدىن 155 كىلومېتىر شىمالدىكى تېكىلىك جىلغىسىدا بولۇپ، سۈنئىي ھەمراھ ئورۇن بەلگىلەش ئۈسكۈنىسى بىلەن بېكىتىلگەن ئېنىق جۇغراپىيىلىك ئورنى (كوردېناتى): شىمالى كەڭلىك40'31'57'15''N  شەرقى مېردىئان''06.50'10'E83 بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 2800 مېتىر. 

     بۇ تاش پۈتۈك بار جىلغا قەدىمكى يىپەك يولىنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، كۇچادىن بايىنبۇلاق ئارقىلىق شىمالى شىنجاڭغا ئۆتىدىغان كارۋان يولى ئۈستىدە. بۇ تاش پۈتۈكنى شۇيەرلىك چارۋىچى ئابدۇكېرىم سابىر 1997 –  يىلى  بايقىغان، ئۇنىڭدىكى سىمۋوللۇق بەلگىلەرنى شۇ چاغدىلا قەغەزگە ئەينەن كۆچۈرۈۋېلىپ، ئۆزى تۇرۇشلۇق ئورۇننىڭ مەسئۇلىغا مەلۇم قىلغان. بۇ يىل 5 – ئاينىڭ 16 – كۈنى كۇچا ناھىيىلىك مالىيە ئىدارىسىنىڭ شۇجىسى ئابدۇخېلىل خالىق يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە كەلگەندە بۇ ئىشنى ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل – يېزىق خىزمىتى كومىتېتىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملارغا مەلۇم قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق تىل – يېزىق خىزمىتى كومىتېتىدىن تاھىر ئابدۇۋەلى، كۇچا ناھىيىلىك مالىيە ئىدارىسىدىن ئابدۇخېلىل خالىق، كۇچا ناھىيىلىك چارۋىچىلىق ئىدارىسىدىن مۆھسىنجان، ناھىيىلىك ئوتلاق پونكىتىدىن قاھار تۇرسۇن، قۇزغۇن چارۋىچىلىق فېرمىسىدىن ئابدۇرېھىم قارى، ئابدۇكېرىم سابىر، ئابدۇسالام تۇرسۇنلار بۇ يىل 5 – ئاينىڭ 30 – كۈنى  كۇچا ناھىيىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەرنىڭ قوللىشى بىلەن بۇلاق تېكىلىك يايلىقىدىكى تاش پۈتۈككە ئويۇلغان سىمۋوللۇق بەلگىلەرنى ئىلمىي نۇقتىدىن تەكشۈرۈش، ئورۇن بەلگىلەش ۋە سۈرەتكە ئېلىش ۋەزىپىسىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىغان.

     شۇ يەرلىك چارۋىچىلارنىڭ دېيىشىچە، بۇنداق تاشپۈتۈكلەر ئەينى ۋاقىتتا بىر قانچە جايدىكى قىيالاردا بولۇپ، ئۇزاق يىللىق بوران – چاپقۇننىڭ بۇزغۇنچىلىقى، كۈن نۇرىنىڭ قىزدۇرۇشى بىلەن ئۇپراپ كەتكەن،  ئۇزاق يىللار داۋامىدا كەلكۈننىڭ يالىشى بىلەن بۇ قىيالار داۋاملىق گۈمۈرۈلۈپ تۇرغاچقا، بۇ سىمۋوللۇق بەلگىلەر ئويۇلغان تاش پۈتۈكلەر جىلغا ئىچىگە چۈشۈپ نۇرغۇنلىرى بۇزۇلۇپ، يوقىلىپ كەتكەن. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر تاش پۈتۈك ھازىر جىلغا قىرغىقىدىن تەخمىنەن 20 مېتىر ئىچكىرىدىكى ئېقىن سۇدا تۇرۇپ قالغان. چارۋىچىلارنىڭ دېيىشىچە، كان ئېچىش تۈپەيلى ۋە سەيلە – ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىي قىلىشى سەۋەبىدىن بۇ يەرگە كېلىدىغانلارنىڭ كۆپىيىشى بىلەن، بەزى قانۇنسىز ئۇنسۇرلارمۇ بۇ  تاش پۈتۈك ئەتراپىغا بايلىق يوشۇرۇنغان بولۇشى مۇمكىن  دېگەن قىياستا، ئەتراپتىكى جىرا ۋە  غارلارنى قالايمىقان قازغان، ھەتتا چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنىمۇ باشلاپ كىرىپ كۆرسەتكەن.

     تەكشۈرۈشىمىزگە ئاساسەن، بۇ سىمۋوللۇق بەلگىلەر تاش پۈتۈككە مېتال ئەسۋابلار بىلەن ئويۇلغان بولۇپ، بۇ بەلگىلەرنىڭ ھازىرقى ئويۇلۇش چوڭقۇرلۇقى7 –  8 مىللىمېتىر ئەتراپىدا بولسىمۇ، ئەينى ۋاقىتتا بۇنىڭدىن خېلى چوڭقۇر ئويۇلغانلىقىنى پەرەز قىلغىلى بولىدۇ. بۇ تاش پۈتۈكتىكى سىمۋوللۇق بەلگىلەر بىرتۈز سىزىققا ئويۇلغان بولماستىن، سەل ئېگىز  –  پەس  تىزىلغان بەش دانە بەلگىدىن تەركىب تاپقان. بۇ بەلگىلەرنىڭ چوڭ  –  كىچىكلىكى ئوخشاش ئەمەس، ھەمدە يېزىلىش يۆنىلىشىنىمۇ بەلگىلەش قىيىن. بۇ بەلگىلەرنىڭ زادى نېمىگە سىمۋول قىلىنغانلىقى، ئۇنىڭ بىر خىل تەسۋىرىي يېزىق ياكى يايلاقنىڭ چېگرىسىنى ئايرىيدىغان بەلگە ۋە ياكى يول كۆرسەتكۈچ ئىكەنلىكىنى ھۆكۈم قىلىش ھازىرچە بالدۇر. قارىشىمىزچە بۇ بەلگىلەر تەسۋىرىي يېزىق تۈسىنى ئالغان بولۇپ، ئىنتايىن ئۇزاق بىر تارىخىي دەۋرنىڭ يالدامىسى بولۇشى، ئۇ قەدىمكى كۇچالىقلار يېزىق قوللىنىشتىن بۇرۇنقى دەۋرلەردە پۈتۈلگەن بولۇشى مۇمكىن. مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ بۇ نەق مەيداننى ياخشى قوغدىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. چۈنكى بۇ سىمۋوللۇق بەلگىلەرنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىش مۇتەخەسسىسلەرنى تېپىلغۇسىز تەتقىقات پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىشى مۇمكىن.   

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ