باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>مەدەنىيەت>>مەدەنىيەت ئىزنالىرى
بۇدالا سارىيى
2008- 06- 19 10:22 شىنجاڭ گېزىتى

 تۇرسۇن پىداقۇل

     بۇدالا سارىيى شىزاڭ زاڭزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ لىخاسا شەھىرىنىڭ غەربىي شىمالدىكى مابۇرى تېغى (قىزىلتاغ)غا جايلاشقان بولۇپ، مەملىكىتىمىز بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىي يادىكارلىق ئورنى، شۇنداقلا مەملىكىتىمىزدىكى مەشھۇر قەدىمكى زامان قۇرۇلۇشىدۇر.

     بۇدالانىڭ مەنىسى ‹‹بۇددانىڭ مۇقەددەس جايى›› دېگەنلىك بولۇپ، بۇ نام سانسكرت تىلى (قەدىمكى ھىندى تىلى)دىكى ئاھاڭ تەرجىمىسى ئاساسىدا قويۇلغان. ئەسلىدە ئۇ ئەۋەلو كىتېشۋەرە (بۇددا تۇرۇشلۇق ئارال)نى كۆرسىتەتتى. شۇڭا بۇدالا سارىيى ئىككىنچى بۇدالا تېغى، دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇدالا سارىيى دېڭىز يۈزىدىن 3700 مېتىردىن كۆپرەك ئېگىزلىكتە بولۇپ، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 360مىڭ كۋادرات مېتىردىن، قۇرۇلۇش ئومۇمىي كۆلىمى 130 مىڭ كۋادرات مېتىردىن ئاشىدۇ. ئاساسىي قۇرۇلۇش گەۋدىسىنىڭ ئېگىزلىكى 117 مېتىر، جەمئىي 13 قەۋەت بولۇپ، ئۇ دۇنيادىكى دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز، كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئوردىسىمان قۇرۇلۇش توپىدۇر.
بۇدالا سارىيى تارىختا دالاي لامالارنىڭ قىشلىق سارىيى بولغان. شۇنداقلا بۇرۇنقى شىزاڭ (تىبەت) يەرلىك ھۆكۈمرانلىرىنىڭ سىياسىي بىلەن دىن بىرلەشتۈرۈلگەن ھۆكۈمرانلىق مەركىزى بولغان. 5 – ئەۋلاد دالاي لامادىن باشلاپ، مۇھىم دىنىي، سىياسىي مۇراسىملارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ يەردە ئۆتكۈزۈلگەن.

     مىلادى 631 – يىلى(زاڭزۇ كالېندارىدا تۆمۈر توشقان يىلى) بۇدالا سارىيى تۇبۇت سۇلالىسىنىڭ زەنپۇسى سۇڭزەن گەنبۇ بۇ يەرگە سېلىنغان ئوردىدا مەلىكە ۋېنچىڭنى قارشى ئالغان. ئەينى چاغدا سېلىنغان بۇ ئوردىدا 999 ھۇجرا بولغان. بۇنىڭدىن باشقا زۇڭلاكاڭ ئىبادەتخانىسى(جوكاڭ ساڭرامى)سېلىنغاندىن كېيىن، تاۋاپچىلارنى  تۈركۈملەپ جەلپ قىلغان. كېيىنكى ۋاقىتلاردا زۇڭلاكاڭ ئىبادەتخانىسى چاقماق زەربىسى ۋە ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقىدا ۋەيران بولۇپ، پەقەت چۆجا غارى بىلەن ئۇلۇغ شەپقەتكار بۇدساتۋا ھۇجرىسىلا ساقلىنىپ قالغان. 1645 – يىلى (زاڭزۇ كالېندارىدا ياغاچ توخۇ يىلى) 5 – ئەۋلاد دالاي لاما سىياسىي بىلەن دىن بىرلەشتۈرۈلگەن گاردەن پوجاڭ يەرلىك ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، دىسى سولاڭ راۋدېڭ رىياسەتچىلىكىدە بۇدالا ‹‹ئاق سارىيى›› ۋە ساراي تېمى، شەھەر قوۋۇقى بۇلۇڭىدىكى راۋاق قاتارلىقلارنى قايتىدىن سالغان ھەمدە ھاكىمىيەت ئاپپاراتلىرىنى جىيباڭ ئىبادەتخانىسىدىن بۇ يەرگە كۆچۈرۈپ كەلگەن. 1682 – يىلى 5 – ئەۋلاد لاما ئالەمدىن ئۆتكەن. 1690 – يىلى (زاڭزۇ كالېندارىدا تۆمۈر ئات يىل) دىسى سانجىيې جىياسو 5 – ئەۋلاد دالاي لاما ئۈچۈن شاھ مۇنار، بۇتخانا، نومخانا بىرلەشتۈرۈلگەن ‹‹قىزىل ساراي››نى بىنا قىلدۇرغان بولۇپ، بۇ قۇرۇلۇش 1693 – يىلى (زاڭزۇ كالېندارىدا سۇ توخۇسى يىلى) پۈتكەن. كېيىن تارىختا ئۆتكەن دالاي لامالار بەش ئالتۇن قۇببىلىك ۋە بىر قىسىم قوشۇمچە ئىمارەتلەرنى سالغان. بولۇپمۇ 1936 – يىلى (زاڭزۇ كالېندارىدا ئوت چاشقان يىلى) 13 – ئەۋلاد دالاي لامانىڭ شاھ مۇنارى پۈتكەندىن كېيىن، بۇدالا سارىيىنىڭ ھازىرقى كۆلىمى شەكىللەنگەن.

     بۇدالا سارىيىنىڭ ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى ئاقساراي ۋە قىزىل سارايدىن تەركىب تاپقان. ئاقساراي دالاي لامانىڭ قىشلىق سارىيى، شۇنداقلا سابىق شىزاڭ يەرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ ئىش بېجىرىش ئورگىنى تۇرۇشلۇق جاي بولۇپ، ئېگىزلىكى يەتتە قەۋەت، 4 – قەۋەتنىڭ ئوتتۇرۇسىدىكى جىيۇنمەن ئايۋان سارىيى بۇدالا ئاقسارىيىنىڭ ئەڭ چوڭ قەسىرى بولۇپ، ئۇنىڭ كۆلىمى 717 كۋادرات مېتىر كېلىدۇ. بۇ يەر دالاي لاما ئېتىكاپتا ئولتۇرىدىغان، ھاكىمىيەت باشقۇرۇش  قاتارلىق چوڭ مۇراسىملار، زاڭزۇلارنىڭ دىنىي ۋە سىياسىي پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلىدىغان سورۇنى بولغان. ساراي ئىچىدە 34 تۈۋرۈك بار. شىمالىي تەرىپىدە دالاي لامانىڭ بۇت سۇپىسى تەسىس قىلىنغان. قەسىر ئىچىنىڭ تۆت تېمى دىنىي قىسسەلەر،  تارىخىي شەخسلەر سىزىلغان تام رەسىملەر بىلەن تولغان. 5 – ، 6 –  قەۋەتلىرىدە نايىپلىققا ۋە تۇرمۇشقا ئىشلىتىدىغان ھۇجرىلار بار. ئەڭ يۇقىرىقى 7 – قەۋەت  دالاي لامانىڭ قىشلىق سارىيى قىلىنغان. سارايغا قىش – ياز كۈن نۇرى چۈشۈپ تۇرىدۇ. شۇڭا ئۇ ئاپتاپلىق قەسىر، دەپ ئاتالغان.  5 – ئەۋلاد دالاينىڭ شاھ مۇنار قەسىرىدىكى نەزىر – چىراغ ئورنى بولغان جىيۈەنمەن قەسىرى بۇدالا سارىيىدىكى ئەڭ چوڭ قەسىر بولۇپ، كۆلىمى 725 كۋادرات مېتىر، ئىچىدە 44 تۈۋرۈك بار. ئىچىدىكى تاملارغا  رەسىملەر سىزىلغان. ئۇنىڭ ئىچىدە 5 – ئەۋلاد دالاينىڭ بېيجىڭغا بېرىپ چىڭ سۇلالىسى خانى شۈنجىنى تاۋاپ قىلغانلىقى تەسۋىرلەنگەن رەسىم ئەڭ مەشھۇردۇر. قەسىردىكى دالاي تەختىنىڭ ئۈستىگە چىڭ سۇلالىسى خانى چيەنلۇڭنىڭ خان يارلىقى ئېسىلغان.

     چۆجا غارى (چۇجى جۇپۈ) قاتارلىق قۇرۇلۇشلار تۇبۇتلار دەۋرىدىن  قالغان بۇدالا سارىيىدىكى ئەڭ ئالىي ئىمارەتلەر بولۇپ، شىزاڭ بۇددىستلىرى چۆجەنى سۇڭزەن گەنپۇ ئەينى يىللاردا بۇ يەردە ئىبادەت قىلغان، دەپ ئۇنى ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئالىدۇ. قەسىر ئىچىدە سۇڭزەن گەنبۇ مەلىكە ۋېنچىڭ، مەلىكە چى زۇن بىلەن تۇبۇت سۇلالىسىنىڭ ۋەزىرى گاردۇڭزەن ھەم تۇنمى ساڭبوجا قاتارلىقلارنىڭ ھەيكىلى ھەمدە دەسلەپكى مەزگىلدىكى قىممەتلىك تام رەسىملىرى بار. شۇشېڭ سەنجيى قەسىرىدە  تېبەتچە، خەنزۇچە، مانجۇچە، موڭغۇلچە تۆت خىل يېزىقتا يېزىلغان ‹‹ھازىرقى خان ئالىيلىرى ياشىسۇن، تۈمەنمىڭ يىللار ياشىسۇن›› دېگەن خەتلەر بار. ئۇلارنىڭ ئۈستى تەرىپىگە چىڭ سۇلالىسى خانى چيەنلۇڭنىڭ سۈرىتى ئېسىلغان. سۈرەتنىڭ ئىككى يېنىدا  جىن گاڭچى، زوڭكابا قاتارلىقلارنىڭ ھەيكىلى بار. قەسىر ئىچىدە تېخى 13 – ئەۋلاد دالاي بىر تۈمەن سەر كۈمۈش سەرپ قىلىپ قۇيدۇرغان شەپقەتكار بۇدساتۋانىڭ 11 ھەيكىلى بار. بۇدالا سارىيىدا يەنە بىر قىسىم قوشۇمچە ئىمارەتلەر بولۇپ، بۇلار تاغ ئۈستىگە سېلىنغان لاڭجيې، جاساڭ، راھىب بەگلەر مەكتىپى، راھىبلار ھۇجرىسى، شەرقىي، غەربىي ھويلا، تاغ تۈۋىدىكى سابىق شىزاڭ يەرلىك ھۆكۈمىتى، نوم بېسىش ئورنى، قاماقخانا، ئاتخانا ۋە بۇدالا سارىيىنىڭ ئارقا بېغى –– لوڭۋاڭتيەن قاتارلىقلار بار.

     1300 يىلدىن ئارتۇقراق ۋاقىتتىن بۇيان بۇدالا سارىيىدا نۇرغۇن قىممەتلىك تارىخىي، مەدەنىي يادىكارلىق يىغىلىپ، ساقلانغان. ئۇنىڭ ئىچىدە 2500كۋادرات مېتىرلىق تام رەسىمى، 1000 غا يېقىن بۇددا مۇنارى، بىر تۈمەنگە يېقىن ھەيكەل، بىر تۈمەن پارچىغا يېقىن يۆگىمە رەسىم بار. يەنە ‹‹پەتىتىرەنوم››، گانجۇر نومى قاتارلىق قىممەتلىك نوم كىتابلار ھەم تارىختىكى زاڭزۇلارنىڭ يەرلىك ھۆكۈمىتى بىلەن مەركىزىي ھۆكۈمەت مۇناسىۋىتىنى بىلدۈرىدىغان مىڭ، چىڭ ئىككى سۇلالە خانلىرىنىڭ دالاي لاماغا بەرگەن ئالتۇن دەپتەر، ئالتۇن مۆھۈر، قاشتېشى مۆھۈر ۋە كۆپ مىقداردىكى ئالتۇن – كۈمۈش بۇيۇملار، فارفور قاچا – قۇچىلار، ئېماللىق بۇيۇملار، قاشتېشى بۇيۇملار، كىمخاب ۋە قىممەتلىك زىبۇزىننەت بۇيۇملىرى بار.

     1988   –  يىلى گوۋۇيۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ بۇدالا سارىيىنى كەڭ كۆلەمدە رېمونت قىلدۇرۇشنى تەستىقلىغان. 1989 – يىلى 10 – ئايدا ساراينى رېمونت قىلىش رەسمىي باشلىنىپ، 1994 – يىلى پۈتكۈل ساراي ئەسلىي ھالىتى ساقلاپ قېلىنغان ئاساستا كۆركەم زىننەتلەنگەن.

     ‹‹دۇنيانىڭ ئۆگزىسىدىكى مەرۋايىت›› دەپ ئاتالغان بۇدالا سارىيى بىناكارلىق، تارىخ، مەدەنىيەت، سەنئەت ۋە دىن بىر گەۋدىلەشكەن ئوردىسىمان بىنا توپى ۋە مەدەنىي يادىكارلىق خەزىنىسى بولۇپ، ئۇ دۇنيا ئوردا بىناكارلىق سەنئىتىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.

     بۇدالا سارىيى ئېلىمىزدىكى مەشھۇر قەدىمكى زامان قۇرۇلۇشى، شۇنداقلا زاڭزۇ بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ جەۋھىرى بولۇپ، ئۇ 1994 – يىلى قايتا رېمونت قىلىنغاندىن كېيىن، دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى. 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ