باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>مەدەنىيەت>>سەنئەت>>مۇقام
شىنجاڭ ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتى(12 مۇقام ، تۇرپان مۇقامى ، قۇمۇل مۇقامى، دولان مۇقامى) توغرىسىدا
2008- 06- 11 14:24 تەڭرىتاغ تورى

     ش ئۇ ئا ر سەنئەت تەتقىقات ئورنى ، شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش تەتقىق قىلىش مەركىزىدىن ئەسئەت بارات :

    2005-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتى مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا ب د  ت نىڭ ئىنسانىيەت ئاغزاكى ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى
        ئىلتىماس قىلغۇچى ئورۇن:
       شىنجاڭ سەنئەت تەتقىقات ئورنى، تۇرپان ۋىلايىتى پىچان ناھىيىسى، تۇرپان ۋىلايىتى توقسۇن ناھىيىسى، قومۇل ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتى مەكىت ناھىيىسى، قەشقەر ۋىلايىتى مارالبېشى ناھىيىسى، ئاقسۇ ۋىلايىتى ئاۋات ناھىيىسى .
      قوغداشقا مەسئۇل ئورۇن:
      شىنجاڭ سەنئەت تەتقىقات ئورنى(12مۇقام ، تۇرپان مۇقامى ، قومۇل مۇقامى ، دولان مۇقامى) ، قەشقەر ۋىلايەتلىك ئاممىۋى سەنئەت سارىيى(12مۇقام، دولان مۇقامى)، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، تەتقىق قىلىش ئورنى(12مۇقام، دولان مۇقامى)، خوتەن ۋىلايەتلىك ئاممىۋى سەنئەت سارىيى(12مۇقام)، غۇلجا ناھىيىسى مەدەنىيەت يۇرتى(12مۇقام)، پىچان ناھىيىلىك مەدەنىيەت يۇرتى(تۇرپان مۇقامى)، توقسۇن ناھىيىلىك مەدەنىيەت يۇرتى(تۇرپان مۇقامى)، قومۇل ۋىلايەتلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، تەتقىق قىلىش ئورنى(قومۇل مۇقامى)، مەكىت ناھىيىلىك مەدەنىيەت يۇرتى(دولان مۇقامى)، مارالبېشى ناھىيىلىك مەدەنىيەت يۇرتى(دولان مۇقامى)، ئاۋات ناھىيىلىك مەدەنىيەت يۇرتى(دولان مۇقامى)
       تۈرى: خەلق مۇزىكىلىرى
     جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتى
《جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتى》جۇڭگو  شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ  ئولتۇراقلاشقان ھەرقايسى رايونلاردىكى تۈرلۈك مۇقاملارنىڭ ئومۇمى نامى بولۇپ ، ناخشا ، ئۇسسۇل، مۇزىكا بىر گەۋدە قىلىنغان چوڭ تىپتىكى ئۇنىۋېرسال سەنئەت شەكلىدىن ئىبارەت.

      ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى مۇقام دېگەن بۇ سۆز ئاساسلىقى چوڭ تىپتىكى يۈرۈشلۈك مۇزىكىنى كۆرسىتىدۇ ، بۇندىن باشقا، ئۇنىڭ يەنە قانۇن، قېلىپ ، ئاھاڭ ، مۇزىك ، مۇقەددىمە دېگەندەك نۇرغۇن مەنىلىرىمۇ بار. ئەمما، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزگىچە مەدەنىيەت تىل مۇھىتىدىكى مۇقام دېگەن بۇ سۆز ھازىر ئەدەبىيات ، مۇزىكا ، ئۇسسۇل، داستان، تىياتىر، ھەتتا مىللەتنى تونۇش، دىنىي ئېتىقاد قاتارلىق تۈرلۈك سەنئەت تەركىبلىرىنى ۋە مەدەنىيەت مەنىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سۆز بولۇپ قالدى. بۇ سۆز ئۆز ئىچىگە ئالغان مەدەنىيەتنىڭ مىقدارى سەنئەت ژانىرىنىڭ تار مەنە دائىرىسىدىن ئاللىقاچان ناھايىتى كۆپ ئېشىپ كەتتى.
      جۇڭگونىڭ ئاتاقلىق مۇزىكا تارىخشۇناسى ياڭ يىنليۇ جۇڭگونىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تۈرلۈك ئەنئەنىۋى مۇزىكىلارغا مۇنداق تەبىر بەرگەن: بىرىنچى، نىسبىي ھالدا مۇقىم بولغان بىر يۈرۈش سازەندىلىرى بار؛ ئىككىنچى، نۇرغۇن يىللاردىن بۇيانقى تەرەققىيات داۋامىدا جۇغلانغان، ئەركىن تارقىلىپ كېلىۋاتقان كۆپ يۈرۈشلۈك ناخشا ئاھاڭلىرى بار ؛ ئۈچىنچى، بۇ خىل سەنئەت بىلەن شوغۇللىنىدىغان زور بىر تۈركۈمدىكى كەسپىي ۋە يېرىم كەسپىي سەنئەتكارلىرى بار. بۇ جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت تىل مۇھىتىدىكى كىشىلەر ئېتىراپ قىلغان، روشەن رايون ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ، سەنئەتتىكى تۈرلۈك ئىپادىلەش شەكىللىرىنى جەملىگەن مۇزىكا تۈرىنىڭ ئاساسىي شەرتىدىن ئىبارەت. شىنجاڭنىڭ ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتى دەل مانا شۇ شەرتلەرنىڭ ھەممىسىنى ھازىرلىغان، روشەن رايون ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. سەنئەتتىكى تۈرلۈك ئىپادىلەش شەكىللىرىنىڭ ھەممىسى ئومۇملاشتۇرۇلغان مۇزىكا تۈرى ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز شىنجاڭ ئۇيغۇر «مۇقام» ىنىڭ سۆز مەنىسىنى نوقۇل مۇزىكا ئاتالغۇسى دېگەن بۇ تېخنىكىلىق دائىرىدىلا ئىزاھلاش بىلەن چەكلىنىپ قالماستىن، بەلكى ئۇنى يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئىلىم- پەن نۇقتىسىدا تۇرۇپ چۈشىنىشىمىز كېرەك.

      شىنجاڭ ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتىدىكى ناخشىلار ئاقىللارنىڭ ئەقلىيە سۆزلىرى، شائىر- ئەدىبلەرنىڭ شېئىر- نەزمىلىرى، ئەۋلىيالارنىڭ پەند- نەسىھىتى، ئەل ئىچىدىكى ھېكايە- چۆچەك، جايلاردىكى رىۋايەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇنىڭدا يەنە ئاددىي پۇقرالارنىڭ گۈزەل، شېرىن مۇھەببەتكە بولغان مەدھىيىسى، ئىنتىلىشى، مۇشەققەتلىك تۇرمۇش، ھاياتىدىكى ھەسرەت- نادامىتى بايان قىلىنغان، ئۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تۇرمۇشى ۋە ئىجتىمائىي قىياپىتىنى ئەكس ئەتتۈرگەن قامۇس. ناخشا ژانىرلىرى ئىچىدە بايان ناخشىلىرىمۇ، داستان ناخشىلىرىمۇ بار؛ ئورۇنداش شەكلىدە خور قىلىپ ئېيتىلىدىغانلىرىمۇ، يالغۇز ئېيتىلىدىغانلىرىمۇ بار؛ ناخشا تېكىستىنىڭ ۋەزىن ۋە قاپىيە شەكلى ئاجايىپ پاساھەتلىك ۋە رەڭدار. تارىختا ئۆتكەن مەشھۇر ئۇيغۇر مۇقام پېشۋالىرىنىڭ تولىسى ئەدىب دېگەن شۆھرەتلىك نامغا ئىگە سەنئەتكارلاردىن ئىدى. بۇ ئۇيغۇر مۇقامىدىكى ناخشىلارنىڭ مەزمۇنىنى چوڭقۇر تارىخىي مەدەنىيەت جۇغلانمىسىغا ئىگە قىلغان.
      ناخشىمۇ، ئۇسسۇلمۇ بولۇش ئۇيغۇر مۇقامىدىكى ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىك. ئۇسسۇل ماھارىتى تولىمۇ مول مەزمۇنلۇق ۋە رەڭگارەڭ، كوللېكتىپ ئۇسسۇلدىكى گۇرۇپپا ھەرىكەتلەر، قەدەم- قىياپەت؛ ئىككى كىشىلىك ئۇسسۇلدىكى مۆرە ئوينىتىش، بويۇن ئېتىش، چاقپەلەكتەك پىرقىراش، بوشلۇقتا پەرۋاز قىلىش، چەبدەسلىك بىلەن ئورۇن يۆتكەش؛ يالغۇز كىشىلىك ئۇسسۇلدىكى گۈل چىشلەش، باشقا چىنە ئېلىپ ئويناش، ھايۋانلارغا تەقلىد قىلىپ ئورۇندىلىدىغان ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسى، شەكىل- ھالەت جەھەتتە ئاجايپ چاققان، قالتىس بولۇپ، تۈرلۈك- تۈمەن ئۆزگىرىشلىرى بار.

      كۆپ خىل ئىنتېرۋال، كۈي شەكلى، رىتىم، ئۇدارلارنىڭ بولۇشى، ئاھاڭ شەكلىنىڭ غايەت زور، قۇرۇلمىسىنىڭ مۇرەككەپ بولۇشى ئۇيغۇر مۇقام مۇزىكىسى فورماتسىيىسىنىڭ گەۋدىلىك خۇسۇسىيىتى، بۇنىڭ ئىچىدە بىرلا كۈي شەكلىنى دەۋر قىلىدىغان مېلودىيە تەرەققىيات شەكلىمۇ، كۆپ خىل كۈي شەكلىدىكى ئاھاڭلار چاتمىسىمۇ بار. بۇنىڭدىن جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مۇزىكا مەدەنىيىتى بىلەن بولغان قويۇق مۇناسىۋىتى نامايەن بولۇپ تۇرىدۇ. سازەندىلەرنىڭ گۇرۇپپىلىنىش شەكلى كۆپ خىل بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇقام سەنئىتى ئىچىدە كامانچىلىق چالغۇلارنى ئاساس قىلىدىغانلىرىمۇ، چەكمە چالغۇلارنى ئاساس قىلىدىغانلىرىمۇ بار، ئۇنىڭدىن يەنە پۈۋلىمە چالغۇلارنى ئاساس قىلىپ ئورۇنداشتەك كۆپ خىل سازەندىلەر گۇرۇپپىسى شەكلىمۇ كېلىپ چىققان. ئاساسلىق چالغۇلاردىن ساتار، غېجەك قاتارلىقلار بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ شەكلى ئاجايىپ گۈزەل، بېزەكلىرى نەپىس، ئاۋازى ئادەمنى مەپتۇن قىلىدىغان ئىنتايىن قويۇق يەرلىك ۋە مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە. چالغۇلارنى چېلىش ماھارىتى ئۆزگىچە بولۇپ، سىيرىپ، چېكىپ، سەكرىتىپ ئورۇندالغان ئاھاڭلار يېقىملىق، جىددىي، رىتىملىق ئاڭلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھۈنەردە كامالەتكە يەتكەن چېۋەر سەنئەتكارلارنىڭ ئەركىن- ئازادە، شوخ، ئۆزگىرىشچان ئورۇنداش ماھارىتى بىلەن گۈل ئۈستىگە گۈل قوشۇلۇپ ئاجايىپ زور بەدىئىي تەسىرلەندۈرۈش كۈچى ھاسىل بولىدۇ.
      ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتى مۇشۇ زېمىندىكى ئەل ئىچى مەدەنىيىتىدىن كېلىپ چىققان، ھەرقايسى بوستانلىقلارغا جايلاشقان شەھەرلەردىكى بەگلەرنىڭ ئوردا- سارايلىرى ۋە مەركىزىي شەھەرلەردىكى قەسىرلەردە تەرەققىي قىلغان، بىرىكىش ۋە ئۆزئارا سىڭىشىش جەريانىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، جۇغلىنىپ يەنە ئەل ئىچىگە قايتقان بولغاچقا، قەدىمكى زاماندىكى ئوردا - قەسىرلەرنىڭ سەر خىل مەدەنىيىتىنىمۇ گەۋدىلەندۈرىدىغان، شۇنداقلا يەنە يېزا ، كەنت، شەھەرلەردىكى ئەل ئىچى مەدەنىيىتىنىمۇ نامايەن قىلىپ بېرىدىغان مەركەزلىك ۋەكىلگە ئايلانغان. ئۇ ئوردا- قەسىر، شەھەر- بازارلاردىكى ئاساسىي ئېقىم بولغان نەپىس مەدەنىيەتكىمۇ ۋەكىللىك قىلالايدۇ، شەھەر، بازار، يېزا ، كەنتلەردىكى چەت- ياقا ئاۋام مەدەنىيىتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قەدىمكى زاماندىكى ئوردا- قەسىرلەر جەمئىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ كۆزدىن غايىب بولغان بۈگۈنكى كۈندە، تا ھازىرغا قەدەر تارقىلىپ كەلگەن ئۇيغۇر مۇقامىدىن كىشىلەر ئۇنىڭ تارىختىن تەۋەررۈك بولۇپ قالغان ساداسىنى پەرق ئېتەلەيدۇ. ھازىرقى ئۇيغۇر مۇقامىنىڭ تارىخىي قىممىتى ۋە مەدەنىيەت قىممىتى دەل مانا شۇ.
     يۇقىرىقىلارنى ئومۇملاشتۇرغاندا، جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر مۇقامى ئۇزاق مۇددەتلىك تارىخىي ئۆزگىرىش داۋامىدا، بىر- بىرىگە ئىنتايىن زىچ باغلانغان، چوڭقۇر ئىچكى مەزمۇنغا ئىگە، شەكلى كۆپ، مول مەزمۇنلۇق، ئۇسلۇبى ئۆزگىچە، كۆپ مەنبە بىر گەۋدىگە مۇجەسسەملەنگەن شەكىلگە ئايلانغان، ئۇ جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر ناخشا- ئۇسسۇل سەنئەت شەكلىنىڭ ئەڭ يۈكسەك، ئەڭ داڭلىق ۋەكىلى.
      جۇڭگو شىنجاڭدا، قەيەردە ئۇيغۇرلار بولسا، شۇ يەردە مۇقام بار. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ زادى كەم بولسا بولمايدىغان مەنىۋى ئوزۇقىغا ئايلانغان.
شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان ئۇيغۇر مۇقامىدا كۆپ مەنبە بىر گەۋدىگە مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا ئورتاقلىقمۇ بار، يەنە شۇنداقلا ئوخشاش بولمىغان جايلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرقمۇ بار، بۇنىڭ بىلەن ئوخشاش بولمىغان شەكىللەر بارلىققا كەلگەن.
      «12مۇقام» ئۇيغۇر مۇقامىنىڭ ئاساسلىق شەكلى. ئۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ ۋىلايەتلىرىگە ۋە شىمالىي شىنجاڭدىكى ئىلى رايونىغا تارقالغان. 
      ‹‹دولان مۇقامى›› ئاساسلىقى ‹‹ دولان رايونى›› غا، يەنى تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي، شىمالىي چېتىدىكى يەركەن دەرياسىدىن تارىم دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مەكىت ناھىيىسى، مارالبېشى ناھىيىسى ۋە ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئاۋات ناھىيىسىنى مەركەز قىلغان رايونلارغا تارقالغان. 
     ‹‹ تۇرپان مۇقامى›› ئاساسلىقى شەرقىي شىنجاڭدىكى تۇرپان رايونىنىڭ تۇرپان شەھىرى، پىچان ناھىيىسى ۋە توقسۇن ناھىيىسىگە تارقالغان. 
     ‹‹ قۇمۇل مۇقامى››ئاساسلىقى شىنجاڭنىڭ شەرقىي چوڭ دەرۋازىسى ھېسابلىنىدىغان قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ قۇمۇل شەھىرى ۋە ئاراتۈرۈك ناھىيىسىگە تارقالغان.                             
    (1)  ‹‹ 12مۇقام››
      ‹‹ 12مۇقام›› ،‹‹ راك مۇقامى›› ،‹‹ چەببايات مۇقامى›› ،‹‹ سىگاھ مۇقامى›› ،‹‹ چارىگاھ مۇقامى›› ،‹‹ پەنجىگاھ مۇقامى›› ،«ئۆزھال مۇقامى›› ،‹‹ ئەجەم مۇقامى›› ،‹‹ئوششاق مۇقامى›› ،‹‹ بايان مۇقامى›› ،‹‹ ناۋا مۇقامى›› ،‹‹ مۇشاۋەرەك مۇقامى›› ،‹‹ ئىراق مۇقامى›› دىن ئبارەت جەمىئي12 يۈرۈشتىن تەركىب تاپقان. ھەر بىر يۈرۈش مۇقام چوڭ نەغمە  (بايان ناخشىسى ،مەرغۇل، ناخشا ئۇسسۇل ئاھاڭلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، داستان (بىر يۈرۈش داستان ئاھاڭلىرى ۋە مەرغۇللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ، مەشرەپ (بىر يۈرۈش ناخشا ئۇسسۇل ئاھاڭلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، تىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ بۆلەكتىن قۇرۇلغان بولۇپ ، ھەر بىر مۇقام 20دىن 30غىچە ناخشا ئاھاڭدىن تەكىب تاپىدۇ . ئىككى سائەتچە داۋاملىشىدۇ، 12 يۈرۈش مۇقام تەركىبىدە جەمئىي 300نەچچە ناخشا - مۇزىكا بار، ھەممىسىنى ئورۇنداپ چىقىشقا 20نەچچە سائەت ۋاقىت كېتىدۇ . ھەر قايسى جايلاردا تارقالغان ‹‹12مۇقام››نىڭ نۇسخىلىرى بىر -بىرىگە ئوخشىمايدۇ، ئىلى رايونىدا تارقالغان ‹‹ 12مۇقام ›› نىڭ ھەر بىرى مۇقەددىمە (ئەركىن ئۇدارلىق چاچمە ئاھاڭ) ۋە داستان ، مەشرەپنىلا ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چوڭ نەغمىنىڭ  مۇقەددىمە قىسمىدىن باشقا ئاھاڭلىرى بولسا يوقىلىپ كەتكەن.
        «12مۇقام»نىڭ ھەر بىر يۈرۈش مۇقامىنىڭ بىرىنچى قىسمىدىكى چوڭ نەغمىدە ئۇيغۇرلارنىڭ پەلسەپە ئىدىيىسى ۋە مەنىۋى جەھەتتىكى ئىنتىلىشلىرى نوقتۇلۇق شەرھىلەنگەن بولۇپ، ئۆتمۇشتە بونىڭدىن ئاساسلىقى، جەمئىىيەتنىڭ يۇقىرى ۋە زىيالىلار قاتلىمىدىكىلەر  بەھرى ئالاتتى. ئىككىنىچى قىسمىدىكى  داستاننىڭ ناخشا تېكىستلىرىنىڭ تولىسى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەل ئىچىدە تارقىلىپ يۈرگەن قىسسە -داستانلىرىنىڭ پارچلىرى بولۇپ، ئادەتتە بۇنى داستانچىلار چايخانا، ئاشخانا، ساتىراشخانا قاتارلىق جامائەت سورۇنلىرىدا، ئائىلىدىكى ئولتۇرۇشلاردا ۋە ياشانغانلار ،ئوتتۇرا ياشلىقلار ئاساسى گەۋدە قىلىنغان يىغىلىشلاردا ئورۇنلايدۇ. ئۈچىنچى قىسمى بولغان مەشرەپنى نەغمىچىلەر ئاساسلىقى تۈرلۈك ئاممىۋى يىغىلىشلاردا ئورۇندايدۇ، ئامما مۇزىكا ئاۋازىغا تەڭكەش قىلىپ ، ئوسسۇلغا چۈشۈپ، ئۆز كۆڭلىنى ئاۋۇتىدۇ ياكى ئاشىق (خۇداغا مەستانە بولغانلار ) دەپ ئاتىلىدىغان ئەل ئىچى سەتئەتكارلىرى كوچا- كويلاردا يالغۇز ياكى بىرلىششىپ ئورۇنلاپ تىلەمچىلىك قىلىدۇ. ئۇ ئىسلام دىنى ئېتىقادىدىكى ئاللا تائاللاغا ھەمدۇسانا، تىلەك، شۇنداقلا كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ مۇشەققەتلىرى ھەققىدىكى ھەسرەت- نىدا، بەختىيار تۇرمۇشىغا بولغان ئىنتىزارلىق مەزمۇنلىرىنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ. ئوردا سارايلاردىكى ۋە ئەل ئىچىدىكى كۆپ قېتىملىق بىرىكىش، رەتلىنىش داۋامىدا ‹‹ 12مۇقام›› بۇگۇنكى كۈندىكى مانا شۇ شەكىلگە كەلگەن، ئۇ تۈلۈك ئۇيغۇر مۇقاملاردىن ئورۇقلۇق قۇبۇل قىلىش، شۇنداقلار ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرلۈك ئەنئەنىۋى مۇزىكىلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئاجايىپ قالتىس مۇزىكا تالانتىنى نامايان قىلىپ بېرىدىغان تىپىك ۋەكىللىك خارەكتىلىرىغا ئىگە ئەسەرگە ئايلانغان .
       جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ شەھەر، يېزىلىرىدا مۇقامنىڭ ھەممىسىنى ياكى ئۇنىڭ ئىچىدىكى چوڭ نەغمە قىسمىنى ئورۇندىيالايدىغان سەنئەتكارلارلا مۇقامچى دېگەن ئاتاققا ئېرىشەلەيدۇ.
     (2) ‹‹ دولان مۇقامى››
         ئېتىشلارغا قارغاندا ‹‹ دولان مۇقامى›› جەمىئىي 12 يۈرۈش بولۇپ، ھازىر بۇنىڭ توققۇز يۈرۈشى توپلاندى. مەكىت ناھىيسىدە تارقالغىنى ‹‹زىل باياۋان مۇقامى››، (‹‹ باشباياۋان مۇقامى›› دەپ ئاتىلىدۇ)، ‹‹ ئۆزھال باياۋان مۇقامى››،‹‹ چۇل باياۋان مۇقامى››  (‹‹ راك باياۋان مۇقامى›› دەپ ئاتىلىدۇ)،‹‹ ئۆتەك باياۋان مۇقامى›› (‹‹ مۇشاۋەرەك باياۋان مۇقامى››دەپ ئاتىلىدۇ )،‹‹ بوم باياۋان مۇقامى›› ،‹‹ جۇلا مۇقامى›› ، ‹‹ سىم باياۋان مۇقامى›› ، ‹‹ خۇدەك باياۋان مۇقامى›› ۋە‹‹ دۇگامەت باياۋان مۇقامى›› قاتالىقلاردىن ئىبارەت . مارالبېشى ۋە ئاۋات ناھىيلىرىدە تارقالغان ‹‹ دولان مۇقامى››نىڭ ئىسىملىرى ئانچە ئوخشاپ كەتمەيدۇ .
          ھەر بىر يۈرۈش‹‹  دولان مۇقامى›› ، مۇقەددىمە ، چېكىنمە ، سەنەم ، سەلىقە ، سېرىلما دېگەن بەش بۆلەكتىن تەركىب تاپقان بولۇپ ، كېيىنكى توت بۆلىكى مۇقەددىمنىڭ ئوخشاش بولمىغان رىتىم، ئۇداردىكى مىلۇدىيە تەرەققىياتىنىڭ مەھسۇلى بولغان ناخشا – ئۇسسۇل مۇزىكىلىرىدىن ئىبارەت. ھەر بىر يۈرۈش مۇقامىنىڭ ھەممىسنى ئورۇنلاپ بولۇشقا بىر سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت كېتىدۇ.

  (3) «تۇرپان مۇقامى»

       تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ ئىككى ناھىيە، بىرشەھىرىدە تارقىلىپ يۈرگەن ‹‹ تۇرپان مۇقامى››نىڭ نۈسخىلىرى ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ، چوڭ پەرىق يوق . ھازىر بۇنىڭدىن 11يۈرۈش مۇقام، يەنى ‹‹ راك مۇقامى ›› ، ‹‹چەببايات مۇقامى›› ،‹‹ ئوششاق مۇقامى›› ، ‹‹ ناۋامۇقامى›› ، ‹‹ سابا مۇقامى›› ، ‹‹ ئىراق مۇقامى›› ،‹‹ بايات مۇقامى ›› ۋە ‹‹ دولان مۇقامى›› يىغىۋېلىندى.
       ھەر بىر يۈرۈش ‹‹ تۇرپان مۇقامى››  ، مۇقەددىمە  ، چېكىت ، باش چېكىت ، يالاڭ چېكىت ، جۇلا ، سەنەم ، سەلىقە  ۋە چۈشۈرگە قاتارلىق سەككىز بۆلەكتىن تەركىب تاپىدۇ. 11يۈرۈش ‹‹ تۇرپان مۇقامى ›› دا جەمىئىى 66ئاھاڭ بار، ھەممىسىنى تولۇق ئورۇنداپ چىقىشقا 10سائەتچە ۋاقىت كېتىدۇ ، مۇقامنى كامانچە ۋە چەكمە چاغۇلار بىلەن ئورۇنلاشتىن باشقا، يەنە ناغرا -سوناي بىلەن ئورۇنلايدىغان شەكىلمۇ بار، يەنى بىر ياكى بىر قانچە سۇنايدا ئاساسىي مېلۇدىيە ئورۇنلىنىدۇ، ئۈچ جۈپ كىچىك ناغرا ۋە بىر چوڭ ناغرىدا تەڭكەش قىلىنىدۇ.

    (4) ‹‹قۇمۇل مۇقامى››

       ‹‹ قۇمۇل مۇقامى›› جەمىئىي 12يۈرۈش بولۇپ، ئۇ ‹‹ چوڭ دۇر مۇقامى›› (‹‹ يۈردۈم مۇقامى››دەپ ئاتىلىدۇ)، ‹‹ ئولۇقدۇر مۇقامى›› (‹‹ ھاي- ھاي يۈلەن›› دەپ ئاتىلىدۇ)، ‹‹ مۇستەھزاد مۇقامى›› (‹‹ يالغۇز تۇيۇن ›› دەپ ئاتىلىدۇ)، ‹‹ چارىگاھ مۇقامى›› ، ‹‹ خۇپتى مۇقامى›› ،‹‹ چەببايات مۇقامى›› ،( ‹‹ جانىكەم›› دەپمۇ ئاتىلىدۇ)، ‹‹ مۇشاۋەرەك مۇقامى›› (‹‹ دەردىڭگە داۋا››  دەپمۇ ئاتىلىدۇ)، ‹‹ ئۆزھال مۇقامى››  (دەردەلىۋا ›› دەپمۇ ئاتىلىدۇ)، ‹‹ ئۆزھال مۇقامى›› (‹‹ دەردىلىۋا ›› دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ،‹‹ دۇگا مۇقامى›› كىچىك دەردىڭ يامان دەپمۇ ئاتىلىدۇ )، ‹‹ دولان مۇشاۋەرەك مۇقامى›› ، ‹‹ ئىراق مۇقامى››  (‹‹ چوڭ دەدىڭ يامان›› دەپمۇ ئاتىلىدۇ ) ،ۋە‹‹ راك مۇقامى››  (‹‹ سايرا بۇلبۇلۇم ›› دەپمۇ ئاتىلىدۇ)دىن ئىبارەت، ئىچىدىكى يەتتە مۇقامb,aدىن ئىبارەت ئىككى يۈرۈش بار، ھەر بىر يۈرۈش ‹‹ قۇمۇل مۇقامى››  ‹‹ مۇقام›› (مۇقەددىمە) بىلەن باشلىنىپ، ئارقىسىغا شۇ جايدىكى ئەل ئىچىگە تارقالغان 10دىن 21گىچە ناخشا ۋە ناخشا -ئۇسسۇل ئاھاڭى ئۇلىنىدۇ، 12يۈرۈش ‹‹ قۇمۇل مۇقامى››  دا جەمىئىي 258ناخشا - مۇزىكا بار بۇلۇپ، ھەممىسى 10سائەتچە ۋاقىتتا ئورۇنلاپ بولغىلى بولىدۇ.

 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ