|
ئىت تالاشتۇرۇش ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئەنئەنىۋى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى . ئاجايىپ قىزىق ۋە جەلپ قىلارلىق بولىدۇ . ئىت تالاشتۇرۇشقا خۇمارى بار ئادەملەر كۆپىنچە كۈچتۈڭگۈر بۆرە ئىتلارنى ياكى ئوۋ ئىتلىرىنى تاللاپ تەربىيىلىگەندىن كېيىن تالاشقا سالىدۇ . ئوبدان تالاشقاق ئىتلارنىڭ باھاسى ناھايىتى قىممەت بولىدۇ . ئىت تالاشتۇرۇش پائالىيىتى كۆپىنچە يېزىلاردىكى بازار كۈنلىرى ، ھېيت – ئايەم كۈنلىرى ، جامائەت يىغىلغان سورۇنلاردا ئېلىپ بېرىلىدۇ . ئىت تالاشتۇرۇشتا ، ئىككى ئىت مەيدانغا ئېلىپ كىرىلىپ ، بىر - بىرىنى تالاشقا قويۇپ بېرىلىدۇ . يامان ئىتلار رەقىبىنىڭ كانىيىنى ، پاچىقىنى چىشلەپ ئۈزۈۋېتىدۇ .

ئىككى ئىت تالىشىش جەريانىدا غىڭشىپ قالغىنى ، چىشلىرىنى كۆرسىتىپ خىرىلداپ تۇرۇۋالغىنى ، قۇيرۇقىنى چاترىقىغا قىستۇرۇپ شۈمشىيىپ قالغىنى ، ئارقىغا قاراپ قاچقىنى يېڭىلگەن بولىدۇ . ئىت تالاشتۇرۇش كۆپىنچە ناھايىتى ئۇزۇن داۋاملىشىدۇ ، ئىتلار جىسمانىي جەھەتتە قاتتىق ھېرىپ كېتىدۇ ، شۇڭا ، ئادەتتە ئەمدىلا تالاشقا سېلىنىپ يېڭىپ چىققان ئىت ، دەرھال يەنە باشقا تالاشقا سېلىنمايدۇ .

ئىت تالاشتۇرۇش پائالىيىتى جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىدىكى بازار كۈنلىرىدە كۆپ كۆرۈلىدۇ . چۈنكى ، بۇنداق چاغلاردا ئۇنى كۆرۈپ تاماشا تىلىدىغان ئادەم ناھايىتى كۆپ بولۇپ ، يېڭىپ چىققان ئىتنىڭ ئىگىسى بەئەينى جەڭدە نۇسرەت قازىنىپ ، زەپەر قۇچقان قەھرىماندەك ئۆزىنى ناھايىتى پەخىرلىك ھېس قىلىدۇ . ئىت تالاشتۇرۇشقا ئامراق ئادەملەر قەيەردە داڭلىق ، ياخشى ئىت بار ئىكەن ، دەپ ئاڭلىسا ، ئۆزلۈكىدىن شۇ جايغا ئىزدەپ بېرىپ . ئىت تالاشتۇرىدۇ . ھازىر ، يېزىلاردىكى بەزى بازارلاردا مەخسۇس ئىت تالاشتۇرۇش مەيدانلىرى بار بولدى .

|