باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>مەدەنىيەت>>سەنئەت>>مەشرەپ
مەكىت دولان مۇقام مەشرىپىدىن نادىر كۆرۈنۈشلەر
2008- 02- 03 16:45 تەڭرىتاغ تورى

      ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇشۈكۈر راشىدىن تەمىنلىگەن :

      شىنجاڭ ئەزەلدىنلا ناخشا – ئۇسسۇل ماكانى دەپ تەرىپلىنىپ كېلىنىۋاتقان گۈزەل ماكان بولۇپلا قالاماي ، ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە مول تارىخىي مەدەنىيەتنىڭ بۆشۈكى. شۇڭا ئۇنى يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت دەپ تەرىپلەش ھەرگىزمۇ  ئارتۇقچە ئېيتىلغان ئەمەس.
     ئاپتونوم رايونىمىز يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەركەزنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ئارقىسىدا ‹‹ ئۇيغۇر 12مۇقامى››نى قېزىش ، رەتلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ ، يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈلدى . بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر مەدەنىيەت گۈلىستانىنىڭ گۈلتاجىسى بولغان ‹‹ ئۇيغۇر 12 مۇقام››ىنى تەشكىل قىلغۇچى بەزى يەرلىك مۇقاملارمۇ قۇتقۇزۇپ قېلىنىپ ، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى ۋە ئارتۇقچىلىقلىرى قايتا ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلىش ئىمكانىيىتىگە ۋە مەڭگۈ داۋام قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. دەل مۇشۇنداق پۇرسەتتە ‹‹دولان مۇقام - مەشرەپلىرى››گە ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىپ ئۇنى پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرۇشقا  بىر ئۆمۈر تەر ئاققۇزۇپ كەلگەن دولان مۇقام – مەشرەپ پېشىۋالىرىدىن ھۆسىيىن يەھيا ، ئابدۇجېلىل روزى قاتارلىق دېھقان دولانچىلار ئىككىنچى تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلغۇچىلارنىڭ  قاتارىدىن ئورۇن ئالدى .
      مۇخبىر مەكىت دولان مۇقام- مەشرەپلىرىگە ئاساس سالغۇچى يۇقىرقى ئىككى ئۇستاز ۋە باشقا تۆھپىكار ئەلنەغمىچىلەر ، مۇقام - مەشرەپ ماكانىدا يېڭىدىن يېتىلىۋاتقان ۋارىسلارغا ۋە مۇقام – مەشرەپلەرگە ئائىت ئۆزىنىڭ ئۇزۇندىن يىغىپ ساقلاپ كەلگەن بىر تۈركۈم سۈرەتلىرىنى كەڭ تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندى .
      مەكىت دولان مۇقام – مەشرەپلىرىدىن يارقىن كۆرۈنۈشلەر

 ئۇستاز ئابدۇجىلىل روزى

قوشكېزەك مۇقامچىلار ھەسەن يەھيا بىلەن ھۆسىيىن يەھيا


 ئەخەت توختى

مەشرەپتىن بۇرۇنقى تەييارلىق


مەشرەپتىن بۇرۇنقى تەييارلىق

مەشرەپتىن كۆرۈنۈشلەر

مەشرەپ ئويۇنلىرىدىن پوتا ئويۇنى


مەشرەپ ئويۇنلىرىدىن پوتا ئويۇنى

مەشرەپ ئويۇنى كېسەل داۋالاش


مەشرەپ ئويۇنى كېسەل داۋالاش

جازالاش

 جازا

 چەت ئەللىك ساياھەتچىلەر نەزەرىدىكى مەشرەپ

 چەت ئەللىك ساياھەتچىلەر نەزەرىدىكى مەشرەپ


دولان مۇقام-مەشرەپلىرى سەھنىلەردە

دولان ۋارىسلىرى ئۇستازلىرىدىن تەلىم ئالماقتا


دولان مۇقام ۋارىسلىرى جاپالىق مەشىق قىلماقتا

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ