|

قۇمۇل ۋاڭلىرى قەبرىستانلىقى قۇمۇل كوناشەھەرنىڭ غەربىدىن ئىككى كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ‹‹ ئالتۇنلۇق›› كەنتىدە بولۇپ ، ئالتە قەبرىگاھ (يەنى ئىسھاق ۋاڭ مۇنارى ، تەيجىلەر مۇنارى ، بېشىر ۋاڭ مۇنارى، شاھ مەخسۇت مۇنارى، يۈسۈپ تەيجى مۇنارى ، چوڭ مۇنار قاتارلىق ئالتە قۇرۇلۇش) ، بىر ھېيتگاھ جامىئەسى، 10 ئېغىزلىق ھوجرا قاتارلىق بىر يۈرۈش ئىمارەتلەردىن تەشكىل تاپقان . بۇ قەبرىستانلىق 17- ئەسىردىن باشلاپ پەرپا قىلىنىپ ، ئىككى ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت داۋامىدا ئۆزلۈكسىز كېڭەيگەن. بۇ يەرگە ئالدىنقى ئالتە ۋاڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق- ئەۋلادلىرى دەپنە قىلىنغان.

1687- يىلى قۇمۇل ئۇيغۇرلىرىنىڭ ھاكىمبېگى ئەبەيدۇللا ۋەزىيەتكە ماسلىشىپ، جۇڭغارلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ، چىڭ خاندانلىقىغا بەيئەت قىلغان ۋە چىڭ خاندانلىقىغا ياردەملىشىپ ، غالداننىڭ توپىلىڭىنى باستۇرۇشتا تۆھپە ياراتقاچقا ، كاڭشى خان قۇمۇل ئۇيغۇرلىرىنىڭ 1- دەرىجىلىك جاساق تارخان بېگى قىلىپ تەيىنلىگەن. شۇنىڭدىن باشلاپ 1930- يىلىغا قەدەر توققۇز ئەۋلاد قۇمۇل ۋاڭى 233 يىل ھۆكۈم سۈرگەن.

ھازىر قۇمۇل ۋاڭلىرى قەبرىستانلىقى ئىچىدە ساقلىنىپ قالغىنى بېشىر ۋاڭ ، شاھ مەخسۇت ۋاڭ قاتارلىقلارنىڭ قەبرىگاھلىرى بولۇپ ، قالغانلىرى ‹‹ مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى›› مەزگىلىدە بۇزۇۋېتىلگەن. مۇھەممەد بېشىر ۋاڭ قەبرىگاھى يېشىل كاھىش ، خىش قۇرۇلمىلىق ، گۈمبەز تورۇسلۇق قىلىپ ياسالغان، بۇنىڭغا بېشىر ۋاڭ، ئۇنىڭ خانىشى مېھرىبانۇ، غۇلام مۇھەممەد ۋاڭ ۋە ۋاڭ جەمەتىدىكىلەر بولۇپ 40قا يېقىن كىشى دەپنە قىلىنغان. ‹‹چىنە گۈمبەز›› دەپ ئاتىلىدىغان بۇ ھەيۋەتلىك قۇرۇلۇش 1838- يىلى ياسىلىشقا باشلاپ ، 1845- يىلى پۈتكەن. شاھ مەخسۇت ۋاڭ قەبرىگاھى تەكشى يۈزى چاسا شەكىللىك كېسەك ، ياغاچ قۇرۇلمىلىق ئىمارەت بولۇپ، ئىچى گۈمبەز تورۇسلۇق قىلىپ ياسىلىپ ، كۆك رەڭلىك سىزما نەقىش بىلەن زىننەتلەنگەن.

|